بۇ يىل 3-ئايدا غەربىي ئافرىقىدا ئىبولا يۇقۇملۇق كېسىلى بايقالدى، ئۇنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. كېسەلنى تىزگىنلىگىلى بولامدۇ؟ يۇقۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى قانداق قىلغاندا ئازايتقىلى بولىدۇ؟ ئافرىقا ھەتتا تېخىمۇ كەڭ رايونغا تارقىلامۇ ؟ھازىر كىشىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇجىن 1-ئاۋغۇست گۋىنىيىنىڭ پايتەختى كوناكرىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇملۇق كېسىلىنى يوقىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىشىنى مۇراجەت قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر غەربىي ئافرىقىدا ئىبولا يۇقۇملۇق كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانلىنىلغانلار 1300 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 700 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى. يۇقۇملۇق كېسەل چەت ياقا يېزا رايونلىرىدا بايقىلىپلا قالماستىن، نوپۇس زىچ شەھەرلەردىمۇ بايقالدى.ئۇندىن باشقا غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل بايقالغان رايونلاردا نوپۇسنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى؛ يۇقۇمنىڭ يەنە ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى بايقالدى.
چېن فېڭفۇجېن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق كېسەل داۋاملىق كېڭىيىۋەرسە پەيدا قىلغان ئۆلۈم يېتىم ئەھۋاللىرى، جەمئىيەت ئىقتىسادقا ئېغىر كاشىلا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر ئاپەت خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇملۇق كېسەلنى توغرا باھالاش، داۋالاش خادىملىرى زور دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇش، يۇقۇملۇق كېسەل يۈز بەرگەن رايوننىڭ قىسمەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، سۇ ، توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىز بولۇش يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا قىلغان ئېغىر خىرىس.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 31-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئىبولا ۋېروسى ئاسان يۇقمايدۇ. بۇ ۋېروس ۋە كېسەللىك غەربىي ئافرىقا رايونى بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ سىرتىدا بايقىلىش مۇمكىنچىلىك چوڭ ئەمەس.
قىسمەن دۆلەتلەر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەل يۈز بەرگەن رايونغا بېرىشتىن ساقلىنىشىنى سەمىگە سالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31- ئىيۇل قاتتىق ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ گۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سېررالېئون قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىشتىن ساقلىنىشىنى سەمىگە سالدى.
فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 31- ئىيۇل تور بېكىتىدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، فرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئىبولا يۇقۇملۇق كېسىلى يۈز بەرگەن رايوندىكى دۆلەتلەر يەنى گۋىنىيە، سېررالېئون، لىبېرىيە، نىگىرىيىگە ساياھەتكە بارماسلىقنى سەمىگە سالدى.
ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما 1-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىبولا يۇقۇملۇق كېسىلى ئېلگىرىكىدىن ئېغىر، شۇڭا بۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ، كېيىنكى ھەپتە ئافرىقىدىكى 50 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ئامېرىكا مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان خادىملارنى تەكشۈرىدۇ.
ئامېرىكا كېسەلنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى توماس فىلدىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىبولا كېسىلىنى تىزگىنلەشتە كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىنى تېپىش، قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر مەيدان يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش قىسقا مەزگىللىك كۈرەش بولماستىن بەلكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىبولا يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشتىكى مۇھىم قەدەم كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىنى تىز سۈرئەتتە بايقاش، ئايرىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى تېپىپ توغرا تىز سۈرئەتتە دىئاگنوز قويۇش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش خادىملىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن، قۇتقۇزۇش داۋالاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، يەنە بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان ھەر بىر كىشىنى تېپىپ چىقىپ، 21 كۈن كۆزىتىش ، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى قىزىغان ياكى قىزىمىغانلىقى تەكشۈرۈش ؛ ئەگەر قىزىغان بولسا دەرھال ئايرىش كېرەك.
ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر ئىبولا ۋېروسىنىڭ ھاۋادا تارقىلىشىنى تېخى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئىبولا قاناش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ياكى ئاجراتمىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئەڭ چوڭ بولغان خېيىم خەتەر. ۋېروس بىلەن ئۇچراشقان لېكىن كېسەل بايقالمىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشسا يۇقمايدۇ. شۇ يەردىكى يۇقۇملانغۇچىدا قىزىش ياكى باشقا ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە يۇقىدۇ.
فىلدىننىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئەڭ ئۈمىدۋار بولغاندا بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن. ئىنسانلار ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستدىن غەلبە قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭدا تەپسىلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن. ئالايلۇق؛ئورمان ئوت ئاپىتى ئۇرۇشى قىلغاندا ناۋادا ئازراق ئوت ئۆچمەي قالسا چوڭ خەۋپ كۆرۈلىدۇ.شۇڭا كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىدىن بىرەرسى بايقالماي قالسا، يۇقۇملۇق كېسەل يەنە يامرىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved