ھاراقنىڭ جىگەر، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما ھاراقنىڭ قۇلاقنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆپ ئادەم بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئادەتتە دائىم مەست يۈرۈش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان مۇھىم سەۋەبتۇر.
ئىسپىرت ئادەمنىڭ بوغۇزىدىكى شىلىمشىق پەردىلەرنى غىدىقلىغاچقا، دائىم ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ كۆپى يۇتقۇنچاق ياللۇغى بولۇپ قېلىپ، يۇتقۇنچاق –ناغراخانا كانىيى توسۇلۇپ قېلىپ، قۇلىقى غۇڭۇلداپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ياللۇغ ھالەتتە تۇرسا، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، قۇلاققا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قالىدۇ–دە، قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ، قۇلاقنىڭ ئىچى توسۇلۇپ ئېغىرلىشىپ قالىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچسە، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ ئاخىرىدا نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved