ئەگەر رۇسىيە جازاغا قارشى تەدبىر قوللانسا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

‏ئامېرىكا يېقىندا رۇسىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزۈشنى جاكارلىدى، رۇسىيەنىڭ ئىككى بانكىسى، ئىككى ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە سەككىز ھەربىي سانائەت كارخانىسى جازالاش تىزىملىكىگە چۈشتى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، يېڭى جازا تەدبىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرى چەكلىك بولىدىكەن، لېكىن كەلگۈسىدە غەرب ئەللىرىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ جازاغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى كۈچەيسە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.


بۇ قېتىمقى يېڭى جازا تەدبىلىرىدە ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى مەزمۇن بار. بىرنچى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى بانكىسى، رۇسىيە تەرەققىيات بانكىسى تاشقى ئىقتىساد بانكىسى، رۇسىيە نېفىت شىركىتى، نوۋاتېك شىركىتى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بېرىشى چەكلىنىدۇ، ئىككىنچى، رۇسىيەنىڭ سەككىز ھەربىي سانائەت كارخانىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلۈكى توڭلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېنىك قورال ياراق ئىشلەپ چىقىرىش گۇرۇھى كاراشنىكوف قاتارلىق ئالاھىدە چوڭ دۆلەت كارخانىلارمۇ بار.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا تەدبىرلىرى توغرىسىدا تەھلىلچىلەر بىرىنچى باسقۇچتىكى جازانىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى، چۈنكى بۇ 4 كارخانىنىڭ كۆلۈمى چوڭ، 8 قوراللىق ھەربىي سانائەت كارخانىسىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئىككىسىنىڭلا ئامېرىكىدا مۈلۈكى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوممىسى ئانچە كۆپ ئەمەس.


خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى خۇڭ چۈەن مۇنداق دېدى: جازا تەدبىرلىرى يۇقارقى 4 كارخانىغا ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. قەرز ئەھدىنامىسىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلار رۇسىيەدە ياكى باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا يېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەنبەسى تېپىشى كېرەك، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەنەرخى يۇقىرىلايدۇ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ، شىركەتنىڭ پايدىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.


بۇندىن باشقا، جازانىڭ 4 كارخانىغا بولغان تەسىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. رۇسىيە نېفىت شىركىتى ئۇچرايدىغان تەسىر ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بۇ شىركەت ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيەنىڭ بىر نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالغان، چەتئەللەرنىڭ بانكىسىغا بولغان قەرزىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ ياۋروپادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان باش ئىجرائىيە ئىقتىسادشۇناسى لۇبومىر مىتوف، ھازىر رۇسىيە نېفىت شىركىتى چەتئەل بانكىرىغا تەخمىنەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بولدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرزنىڭ مۇددىتى توشىدۇ، دېدى.

‏خۇڭ چۈەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر جازا تەدبىرلىرى يۇقارقى 4 كارخانا بىلەن چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەتلا يېڭى ئېشىش مەزگىلىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارىتىلىدۇ، ئەسلىدىكى قەرزلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ھازىرقى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگىمۇ ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئەگەر ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشسا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان جازانى كۈچەيتسە، رۇسىيەنىڭ جازاغا قارشى تەدبىرلىرىمۇ كۈچىيىدىكەن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىمۇ زور زىيانغا ئۇچرايدىكەن،


خەلقئارا پۇل مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدىن، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، رۇسىيەنىڭ ساپ كاپىتالى سىرتقا زور دەرىجىدە ئېقىپ كەتكەن، رۇبلىنىڭ پاخاللىشىشى %13 بولغان، پاي چەك بازىرى %30 چۈشۈپ كەتكەن. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى 9-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رۇسىيەنىڭ ساپ كاپىتالىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى 74 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.2 ھەسسە كۆپ ئىكەن، ھەتتا پۈتۈن يىلدىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.


تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، چەتئەللەرنىڭ كاپىتالىغا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋېلىش رۇسىيە ئىقتىسادىدىكى چوڭ بىر مەسىلە ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازا تەدبىرلىرى رۇسىيەنىڭ 4 كارخانىسىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى توختىتىپلا قالماي، غەربتىكى ئاساسلىق بانكىلارنىڭ بۇ شىركەتلەرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىشىنىمۇ توختىتىپ قويىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا فىرانسىيە بانكىسىنى قاتتىق جازالىشى غەرب بانكىلىرىنىڭ ئامېرىكا جازالىغان شىركەتلەرگە قەرز بېرىشىنى چەكلەپ قويدى.
خۇڭ چۈەن مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە جازاغا قارشى تەدبىر قوللانسا رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى دۇنيا ئىقتىسادىدا تېخىمۇ يېتىم قالىدۇ، رۇسىيە كەلگۈسىدە چەتئەل كاپىتالىنى جەلىپ قىلىش ۋە ئىلغار تېخىنىلارنى كىرگۈزۈشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئۇزاقتىن قارىغاندا، بۇ رۇسىيەنىڭ زامانىۋى سانائىتىنىڭ ئاساسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ.
‏‏



خەتكۈچلەر:
22-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
12-05-2016
     چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 8- مايدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئون شۇ كۈنى ئېچىلغان ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن نا...
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
Powered by Leglek