رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇشنىڭ ياۋروپاغا ھىچقانداق پايدىسى يوق

يېقىندا، فرانسىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار زۇڭتۇڭ ھوللاندىنىڭ موسكىۋادا توختاپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. تاراتقۇلارنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى ئىنكاسى نۆۋەتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى، بولۇپمۇ فرانسىيە رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. كۆرۈشۈشتە، ھوللاندى ئۇكىرائىنانىڭ كىرىزىسىنىڭ پەسىيىپ، ۋەزىيەتنىڭ ياخشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئۇكىرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئازايدى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى رۇسىيە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىلدى، ئەسلى پىلاندىكى رۇسىيەنىڭ سوچىدا ئۆتكۈزىلىدىغان سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلغا ئۆزگەرتىلدى، ھەمدە رۇسىيە يىغىنغا قاتناشمىدى. كېيىن برىسباندا ئۆتكۈزۈلگەن يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە، پۇتتىن غەرپ ئەللىرى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇلدى ھەتتا قارشىلىققا ئۇچرىدى. فرانسىيە كەينىدىنلا نۆۋەتتە رۇسىيەگە رۇسىيە زاكاز قىلغان ۋە بىر قىسىم ھەققىنى تۆلەپ بولغان «غەربىي شىمال شامىلى» ناملىق قوش ئىقتىدارلىق ھۇجۇمچى پاراخوتنى تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈشىگە قوشۇلدى.


غەرپ ئەللىرىگە نىسبەتەن، قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېتىلىشىنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ كىرىزىس ئېلىپ كەلگەن ئاغرىنىش ئىنتايىن زور بولدى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان زىددىيەت ئىچىگە ئىتتىرىپ قويدى. بۇ خىل زىددىيەنىڭ بىۋاستە مەنبىيى بىزنىڭ تارىخىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت پەلسەپىمىز يەنى خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن دۆلەت چېگرىسىغا دەخلى تەرۈز قىلغىلى بولمايدىغان پىرىنسىپ ئوتتۇرىسىدا جازالاشنى قانداق يۈرگۈزۈش دېگەندىن كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە موسكىۋانى ئەيىبلىگىنىمىزدە كوسوۋو ۋەقەسىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. ئەينى چاغدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كوسوۋو خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئاساسەن، كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىغان ئىدى، دۆلەت چېگرىسىغا دەخلى تەرۈش قىلىشقا بولمايدۇ دې‍گەن پىرىنسىپنى ئاڭلىماسلىققا سالغان ئىدى.

 

كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش يەنە بىر قېتىم غەرپ ئەللىرىنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئىقتىساد يەر شارىلاشقان ئارقا كۆرىنىشتە ھەر قانداق ئىقتىسادىي جازادا جازالىغۇچى تەرەپ بىلەن جازالانغۇچى تەرەپكە ئېلىپ كېلىدىغان زىياندىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن فرانسىيە دېھقانلىرى جازالاشقا نارازى بولدى، كەينىدىن بەزى فرانسىيە سانائەت تارماقلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيەدىن كېلىدىغان غايەت زور سوممىلىق زاكازدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، بەزى كارخانىلار خادىملىرىنى قىسقارتىشقا باشلىدى. غەربى شىمال شامىلى ناملىق قوش ئىقتىدارلىق ھۇجۇمچى پاراخوتنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ بەدىلى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىدارلارنىڭ فرانسىيەگە ئىشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.

 

ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ قېيىنچىلىقلارمق چوڭقۇر ھىس قىلدى.


بەلكىم زور كۆپ قىسىم غەرپ ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالىشى مۈمكىن. سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى بىلەن يۈز تۇرانە توقۇنۇش دەۋرى كەلمەسكە كەتتى، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا تايىنىپ ياشاش مۇناسىۋىتى توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 


ئىقتىساد سودا ساھەسىلا ئەمەس، سىياسىي ساھەمۇ شۇنداق. ياۋروپا ئەللىرىدىكى ھىچبىر دۆلەت دىپلوماتىيە جەھەتتە رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىپ باققان ئەمەس. رۇسىيەنى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىش ئۇزۇنغا بارمايدۇ، بولمىسا ھەر خىل شەكىلدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىق بۇزۇلىدۇ. ھوللاندىنىڭ ئاتالمىش كىرىزىسىنى پەسەيتىش رەسمىيەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ئىھتىياتچانلىق بىلەن يارىشىشنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



خەتكۈچلەر:
24-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek