يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەندە كېسەل بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرىلاپ، ئادەمنىڭ ئۆمرى بىر نەچچە يىل قىسقىرايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، تېلېۋىزور ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىياننى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، ھەر كۈنى تېلېۋىزورنى ئىككى سائەتتىن ئاز كۆرىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، تۆت سائەتتىن ئارتۇق كۆرگۈچىنىڭ يۈرەك كېسلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %80، باشقا خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %46 بولىدىكەن. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە سەۋەب تېلېۋىزور كۆرۈش بولماستىن، بەلكى ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرۇش ئىكەن. ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇشمۇ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن، چۈنكى ئۇزاق ئولتۇرغاندا ئادەمنىڭ مېتابولىزمى (ماددا ئالمىشىشى) قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved