مالايسىيا ئايرۇپىلانىنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە 20 كۈن بولدى،ھەزىرغىچە ئىزدىرىكى يوق،مالايسىيا ھۆكۈمەت تەرەپ چىقارغان ھەرخىل جاۋابلار باشقىلارنى قايىل قىلالمىدى.ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى،بۇ قىتىملىق مالايسىيا ئايرۇپىلانى يوقاپ كىتىش ۋەقەسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك سىسىتىمىسىنىڭ تىخى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ،شۇڭا جوڭگۇنىڭ جەنۇبىي جوڭگۇ دىڭىزىدىكى ھوقوقىنى ۋە جوڭگۇ خەلقىنىڭ چەتئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن،جوڭگۇ بۇ قىتىم چوقۇم جەنۇبىي دىڭىزغا كىرىشى كىرەك.
بىرىنجىدىن،مالايسىيا ئايرۇپىلانى يوقاپ كەتكەن دائىرە ئىنتايىن مۇھىم،جوڭگۇ ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دىڭىزدىكى تەسىرىنى چوڭايتىشى ،چوقۇم مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىشى كىرەك.
ئايرۇپىلان يوقاپ كەتكەن دائىرە ئاساسلىقى تايلانت قولتۇقى ۋە مالاككا بوغۇزى ،بولۇپمۇ مالاككا بوغۇزى بولساخەلقئارالىق دىڭىز يولى بولۇپ،بىۋاستە تىنىچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىكەن.ھەريىلى 60 مىڭدىن كۆپ پاراخوت مۇشۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ.بۇ بوغۇز جوڭگۇنىڭ ھىندى ئوكيانغا كىرىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت،مالاككا بوغۇزى يەنە ياپونىيەنىڭ ھاياتلىق سىزىقى،ياپونىيە مۇشۇ يول بىلەن دۆلىتىگە نىفىت توشۇيدۇ،شۇڭا كىم بۇ يەرنى باشتا كونتىرول قىلىۋالسا شۇ سىتراتىگىيەلىك پۇرسەتنى تۇتقان بولىدۇ.
ئىككىنجىدىن ،مالاككا بوغۇزى بولسا خەلىقئارالىق مۇھىم سۇ يولى ،لىكىن قىرغاققا يىقىن ئۈچ دۆلەت يەنى مالايسىيا ،ھىندونېزىيە،سىنگاپور نىڭ كۈچى ئاجىز،مالاككا بوغۇزى ئۇزۇندىن بىرى دىڭىز قاراقچىلىرىنىڭ مەسىلىسىگە يولۇقتى،ئۈچ دۆلەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى.ئامرىكا ،ياپونىيە بولسا ئۇزاقتىن بۇ يەرگە كۆز تاشلاپ كەلدى.قىرغاققا يىقىن ئۈچ دۆلەت بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن،ھەرقانداق دۆلەتنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى رەت قىلىپ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن مالاككا بوغۇزى چىقىلغىلى بولمايدىغان بوغۇز بولۇپ قالدى.
لىكىن ھازىر بۇ خىل ۋەزىيەت ئۆزگەرمەكتە،جوڭگۇنىڭ كۈچىيشىگە ئەگىشىپ،مالاككا بوغۇزى جوڭگۇغا نىسبەتەن بارغانسىرى مۇھىم بولۇپ قالدى،ياپونىيەنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىھتىياجى كۈچەيدى،شۇڭا بۇ قىتىملىق ئايرۇپىلان ۋەقەسىدىن كىيىن غەرب دۆلەتلىرى توختىماي قۇتقۇزۇش ھەركەتلىرىگە قاتناشتى،بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ بوغۇزغا ئارلىشىش مەقسىتى كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ،شۇڭا جوڭگۇ ئاۋال قول سىلىشى كىرەك.
لىكىن جوڭگۇ قانداق قىلىپ مالاككا بوغۇزىغا كىرىدۇ؟
بىرىنجىدىن ،مالايسىيا ئايرۇپىلان ۋەقەسى مالاككا بوغۇزىغا كىرىشتىكى ياخشى سەۋەپ،خەلقنىڭ ئامانلىقى ،جەنۇبىي دىڭىزنى راۋان قىلىش جوڭگۇنىڭ مەسئۇليىتى.
ئىككىنجىدىن،مالايسىيا تەرەپ مالاككا بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمىغان ،ھەم بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇل جوڭگۇ خەلقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەنكەن ،جوڭگۇ ئۇ يەردە مالاككا بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىسىمۇ بولىدۇ.
ئۈچىنجىدىن،جوڭگۇ ئايرۇپىلان يولۇچىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ،مالاككا بوغۇزىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ،ۇ يەردە دىڭىز ئارمىيسىنىڭ قەرەللىك چارلاش ھەركىتىنى يولغا قويۇپ ،مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مالايسىيا ،ھىندونىزىيە،سىنگاپور دوسلۇقىنى تىخىمۇ كۈچەيتىش لازىم.
بۇ خەۋەرنىڭ ئاپتورى لىيۇ جىيا جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى يىقىنقى زامان تارىخ ئورگىنىدا ئىشلەيدۇ.بۇ خەۋەر پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزۈش قىممىتىگىلا ئىگە.
BWCHINESE جوڭگۇ يىزىقى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved