ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئاسىيالىق 10 چولپان

قىشلىق توپچى يۆتكەش كۆزنىكى ئېچىلىپ بولدى، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى مېيىنىز كوماندىسدا توپ تېپىدىغان ياپونىيەلىك ھۇجۇمچى يۇسىنورى ئېنگىلاندتىكى مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «ياپونىيەلىك مېسسى» دەپ نام ئالغان بۇ توپچى ھازىر كوماندىسىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق مەرگىنى بولۇپ قالدى، مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى يۇسىنورىنى يۆتكەش ئۈچۈن 12 مىليون فوندسىتىرلىڭ            چىقىرىشنى خالايدۇ. بۇنىڭدىن ياپونىيەلىك توپچىلارنىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى ئورنىنى كۆرۈۋالىغىلى بولىدۇ. تارىختىن بۇيان ئاز بولمىغان ئاسىيالىق توپچىلار ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە ئۆزىنى نامايەن قىلغان. ئەنگىلىيە تاراتقۇسى «كۈندىلىك چولپان» گېزىتى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە توپ تەپكەن 10 نەپەر ئاسىيالىق توپچىنى رەتكە تىزىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق توپچى سۈن جىخەي ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇنىڭ رەت-تەرتىپى ھەتتا ياپونىيەلىك داڭلىق توپچى كاگاۋانىڭ رەت-تەرتىپىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن.

           TOP1 پارك جىسوڭ: بۇ توپچىنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋە مەيداندا يۈگۈرەپ ھارمايدىغان بۇ توپچىنى ئىلگىرى كىشىلەر «ئىككى ئۆپكىسى» بار دەپ تەرىپلىشەتتى. ئۇ مەيداندا سول ۋە ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىدا ئوينايدۇ، ئەينى چاغدا ئېيېنخوۋېن كوماندىسدا مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 6-ئايدا مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. قىزىل ئالۋاستىدا يەتتە پەسىل توپ تەپكەن، بۇ جەريانىدا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا كۈچ قوشقان. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونى ۋە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسدا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە 134 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 19 توپ كىرگۈزگەن. كېيىن ئايال پادىشاھ باغچە چارلىغۇچىلارQPR كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. ئەڭ ئاخىردا ئېيىنخوۋېن كوماندىسدا توپ تەپكەن. ھازىر بۇ كورىيەلىك چېكىنىپ بولدى، مەيلى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن پارك جىسوڭ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى سەھنىسدە توپ تەپكەن ئاسىيالىق توپچىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى كۈچلۈك مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسدا يەتتە يىل پۇت دەسسەپ تۇرماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

     TOP2 ئەل خابۇش: 1981-يىلى تۇغۇلغان بۇ ماھىر 17 يېشىدا كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. 2002-يىلى ئومان پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان، ھازىغا قەدەر 114 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. 2005-2006 مۇسابىقە پەسىلدە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدىكى بولتۇن كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. رىقابەت كەسكىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كوماندىدا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت زاپاس ئەزا بولۇپ قالغان، بىراق ۋاز كەچمەي پۇرسەت كۈتكەن، 2010-2011 مۇسابىقە پەسىلدە ۋىگان رىقابەت كۇلۇبىغا قۇشۇلغان، ئۇزۇنغا قالماي ياخشى ئىپادىسى ئارقىلىق كوماندىنىڭ غوللۇق ۋاراتارى بولۇپ قالغان. 2013-يىلى ئېنگىلاند پۇتبولچىلار ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.

     TOP3 سۈن جىخەي: سۈن جىخەي يېقىندا ئېنگىلاند داڭلىقلار قامۇسىغا تاللاندى، بۇ ئۇنىڭ ئېنگىلاندتا ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ 2002-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە مانچېستىر شەھىرى كوماندىسدا توپ تەپكەن. بۇ جەرياندا 130 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن. ئۇ ھازىر مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشتىكى ئوبراز ئەلچىسى خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

      TOP4 كاگاۋا: ياپونىيەلىك توپچى كاگاۋانىڭ ئەينى چاغدا ياپونىيە بىرلەشمىسىدىكى گامبا نۇرۇز گۈلى كوماندىسدا نامى چىققان. 2010-يىلى يازدا 350 مىڭ ياۋرو باھا بىلەن گېرمانىيەنىڭ دورتموند كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. كاگاۋانىڭ يېڭى كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان. ناھايىتى تېزلا گېرمانىيە بىرلەشمە مۇھىتىغا سىڭىپ كەتكەن، پەقەت يېرىم پەسىلدىلا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان. ئۇ دورتموند كوماندىسدا ئىككى پەسىل توپ تەپكەن، مەيداندا ئالدى بەل ئوينايدىغان بۇ توپچى 69 مەيدان مۇسابىقىدە 28 توپ كىرگۈزگەن. توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 15 ياردەمچى پاس چىقارغان. ئىپادىسى تۇراقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان. 2012-يىلى 5-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى سودا ئۇڭۇشلۇق بولۇپ كاگاۋا مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبغىغا قۇشۇلغان. ئۇنىڭ يۆتكىلىش سوممىسى 17 مىليون فوندسىتلرىڭ بولغان. 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلدە مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 4 : 0 نەتىجە بىلەن نورۋېچ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ مۇسابىقىدە كاگاۋا ناھايىتى قالتىس ئوينىۋەتكەن. ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئۇيۇنى ئويناپ، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە تۇنجى بولۇپ قالپاق ئۇيۇنى ئوينىغان ئاسىيالىق توپچى بولۇپ قالغان. مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدە چېمپىيون بولۇشىغا كۈچ قوشقان. ئىككى پەسىلدىن كېيىن دورتموند كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن. كاگاۋانىڭ ئىپادىسى ھازىرمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ.


     TOP5جى چېڭيوڭ: 2009-يىلى كورىيەلىك توپچى جى چېڭيوڭ ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى شەرىپىگە ئېرىشكەن. شۇ يىلى شوتلاندىيە بىرلەشمىسىدىكى كىلىتلىقلار كوماندىسدا توپ تەپكەن، ئۇنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان، 2012-يىلى يازدا، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى سىۋانسىي كۇلۇبى بۇ كورىيەلىك چولپاننى يۆتكەپ كەلگەن. ئارقىدىن ئۇنى تېخىمۇ چېنىقتۇرۇش مەقستىدە قارا مۈشۈك ساندىرلاند كۇلۇبىغا بىر پەسىل ئىجارىگە بەرگەن. ھازىر جى چېڭۇوڭ سىۋانسىي كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى غوللۇق ماھىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەسىل 19 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ بىر توپ كىرگۈزگەن. ئالدىنقى پەسىل ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە 33 مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزگەن. بىر ياردەمچى پاس چىقارغان.

      TOP6 دېياجىئا: ئىرانلىق توپچى دېياجىئا ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ بۆرە قەلئەسى كوماندىسدا ئالتە پەسىل توپ تەپكەن، بۇ جەرياندا ئاساسەن غوللۇق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان. 2012-يىلى گېرمانىيەدىن ئايرىلىپ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى فۇلھام كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. ئىككى پەسىلدىكى 46 مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە توپ كىرگۈزگەن. بۇنى بەك قالتىس نەتىجە دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ئىرانلىق توپچىنىڭ ئىقتىدارىغا گۇمان بىلەن قاراشقا بولمايدۇ.

       TOP7 لى چىڭلوڭ: بۇ توپچى ھازىر ئېنگىلاندتىكى ئوردا خىرۇستال كوماندىسدا توپ تېپىدۇ، بۇ پەسىل بىر توپ كىرگۈزدى. ئىلگىرى بولتۇن كوماندىسدا ناھايىتى ياخشى ئوينىغان. ئۇنىڭغا ھازىر رىقابەت كۈچلۈك ۋە رېتىمى تېز ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە توپ تېپىۋاتقىلى بەش پەسىل بولدى. لى چىڭلوڭ گەرچە ھازىرقى كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ سەھنىدىكى تەجىربىسى خېلى مول، كورىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لى چىڭلوڭ مەيداندىكى تاجاۋاز خاراكتىدىكى بۈسۈش ھەرىكىتى ۋە سۈرئىتى ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ بىرلەشمىدە پۇت دەسسەپ تۇرىۋاتىدۇ.

     TOP8 ناكاتا: ئۇ ئىلگىرى ياپونىيەدىكى نامى ئەڭ چوڭ چولپان ئىدى. ئالدى بەل ئوينايدىغان بۇ توپچىنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارى كۈچلۈك، بەدەن قارشىلىشىش كۈچى يۇقىرى، ياۋروپادىكى بەدەن قاۋۇل كەلگەن توپچىلار بىلەن بەدەن ئۇچىرشىش بولۇپ قالسا قىلچىمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ. ناكاتا ياۋروپادىكى سەۋىيەسى يۇقىرى ئوتتۇرا مەيدان توپچىغا تەۋە، 2005-2006 مۇسابىقە پەسىلدە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى بولتۇن كوماندىسىغا كەلگەن. 32 مەيدان مۇسابىقىدە 1 توپ كىرگۈزگەن.

      TOP9 ئىناموتو: ئۇ ياپونىيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى، ئىناموتو 20 يېشىدا ياپونىيە  J بىرلەشمىسدە مەيدانغا چىققان، 2001-2002 مۇسابىقە پەسىلدە ئېنگىلاندتىكى قورال -ياراق زاۋۇتى ئارسېنال كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. بىراق بۇ كوماندىدا پەقەت تۆت مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. توپ كىرگۈزمىگەن. كېيىنكى پەسىل ئۇ فۇلھام كوماندىسىغا كەلگەن. بۇ كوماندىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان. 58 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ توققۇز توپ كىرگۈزگەن. 2004-2005 مۇسابىقە پەسىلدە غەربىي بىروموۋىچ كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. شۇ پەسىلدە پەقەت ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان، كېيىنكى پەسىل 26 مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزگەن. ئىلگىرى ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئۈچ كوماندىدا توپ تەپكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى دەلىللەشكە بولىدۇ.

      TOP10 مايا يوشىدا: بۇ ياپونىيەلىك توپچىنىڭ بوي ئىگىزلىك 1 مېتىر 89 سانتامېتىر كېلىدۇ، ياپونىيەدىكى بويى ئەڭ ئىگىز ئوتتۇرا مۇداپىئەچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇ ياۋروپاغا ئاسانغا سەپەر قىلغان. 2012-يىلى يازدا مايا يوشىدا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى جەنۇبىي ئامپىتون كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. ئۆزىنى نامايەن قىلىپ ناھايىتى تېزلا كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغان. 2013-2014 مۇسابىقە پەسىلدە كىرودىيەلىك بىر ئوتتۇرا مۇداپىئەچى جەنۇبىي ئامپىتون كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. بۇ توپچىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ قالتىس بولغاچقا مايا يوشىدا ئاساسلىق ئەزا ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويغان. ئەمما يەنىلا كوماندىنىڭ نۆۋەت بويىچە مەيدانغا چىقىدىغان توپچىلار قاتارىدا مەيدانغا چىققان. ئۇ ھازىر جەنۇبىي ئامپىتون كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كوماننىڭ ئىشەنچىلىك توپچىسى بولۇپ قالدى.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek