روجىستوۋلۇق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى، مادرىد يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ. ئەمما شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن شاللانغانلىقتىن، مادرىدنىڭ ھەپتە ئوتتۇرىدا مۇسابىقىسى يوق، ئەنئەنىۋى روجىستوۋلۇق زىياپەتمۇ شۇ سەۋەبتىن مۇددەتتىن بۇرۇن تۈنۈگۈن كەچ ئۆتكۈزۈلدى. «ئاس گېزىتى» باش سەھپە ماقالىسىدە ئېنىق قىلىپ، مادرىدنىڭ بارلىق توپچىسى دېگۈدەك بۇ قېتىملىق زىياپەتكە قاتناشتى، ئەمما بېنتىسنى تەكلىپ قىلمىدى دەپ كۆرسەتتى.
مادرىد بىرىنچى سەپ كوماندىدا، پەقەت تونى كروسلا خۇسۇسىي سەۋەب بىلەن بۇ قېتىملىق زىياپەتكە قاتناشمىدى، ئاربىلويا «پىلانىتلار ئۇرۇشى» نى كۆرۈش ئۈچۈن كېچىكىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق زىياپەت ئورنى مادرىد توپچىلىرى ئىزچىل ياخشى كۆرىدىغان Fox تاماقخانىسى بولدى. مادرىدنىڭ ترېنېرلار گۇرۇپپىسىدا، مىگۇل چىندو توپچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشىغا ئېرىشتى. شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە شاللانغاندن كېيىن ئۇ ئەيىبلەنگەن، توپچىلار بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېنتىس ۋە ئۇنىڭ ترېنېرلار ئۆمىكىدىن ھېچكىم تەكلىپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى.
مادرىد توپچىلىرى زىياپەتتە، ئەسلىدە ترېنېرنى تەكلىپ قىلىدۇ. مورىنھو مادرىدقا كىرگەندىن كېيىن، توپچىلار ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق زىياپەتتە ئۇنى تەكلىپ قىلغان. بىراق 2012-يىلى 5-ئايدا، مادرىد توپچىلىرى زىياپەتتە مورىنھونى تەكلىپ قىلمىدى. يېرىم ئايدىن كېيىن، كاشلىياس زاپاس ئەزا بولدى، كوماندا ئىچىدىكى زىدىيەت شۇ سەۋەبتىن ئاشكارلاندى. شۇندىن كېيىن، ترېنېرنى زىياپەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلماسلىق مادرىدنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
ئەنچىلوتتى دەۋرىدە، مادرىد توپچىلىرى ترېنېر بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولدى، رونالدونىڭ 30 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇ ئەنچىلوتتىنى تەكلىپ قىلدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مادرىد 0-4 نەتىجىدە مادرىد رىقابەتكە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئەنچىلوتتى ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ ئويلىنىشنى تاللىدى، ئۇ توپچىلار بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىشقا قاتناشمىدى. بۈگۈنكى كۈندە بېنتىس توپچىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلدى، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى كەيپىياتى ناچارلاشتى.
يېقىنقى مەزگىلدە، ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى بېنتىسنىڭ ئشىتىن چۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنى خەۋەر قىلدى. گەرچە ۋاستىچىسى بېنتىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نوپۇزلۇق تاراتقۇ سېر تېلۋىزىيەسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراش ئوتتۇرىغا قويدى. خوسې ئانخېل سانچېس مادرىدنىڭ ئىككىنچى خوجايىنى، ھەم دەل بېنتىسنى فىلورېنتىنوغا تونۇشتۇرغۇچى. سېر تېلۋىزىيەسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خوسې سانچېسنىڭ ئۆزىمۇ بۈگۈنكى كۈندە بېنتىسنىڭ داۋاملىق ترېنېرلىق قىلىشىدىن گۇمانلانغان، ئۇ بەش ئاي ئىلگىرى خاتا ئادەم تونۇشتۇرغان بولۇشۇم مۇمكىن دەپ قارىغان. «ئاس گېزىتى» ۋە «ماركا گېزىتى» بىردەك زىدانى خالىغان ۋاقىتتا ئورۇنباسار بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved