تېڭشۈن تورى(لەگلەك تورى تەرجىمىسى)-بېيجىڭ ۋاقتى2-ئاينىڭ17-كۈنى،ئەنگىلىيە«قۇياش گىزىتى»ئەڭ يېڭى خەۋېرىدە،تۈمەنلىگەن چوقۇنغۇچىسى بار «داۋىد.بېكھام» ئۆزىنىڭ يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، ئامېرىكىنىڭ مەيئامىدا قۇرغان كۇلۇبىغا پورتۇگالىيىلىك گىگانىت چولپان كىرىستىيانو.رونالدو نى سېتىۋېلىش ئۈمۈدىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
يېقىندا،بېكھام ئامېرىكىنىڭ مەيئامىغا بېرىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرپ، ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە بىر پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇپ ئۇنى ئامېرىكا كاتتا بىرلەشمىسىگە قاتناشتۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە، بېكھام نىڭ يېڭى كوماندىنىڭ خوجايىنى بولۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن15مىلىيۇن فوندسىتېرلىڭ سەرىپ قىلىشى شۇنداقلا 25مىڭ كىشىلىك ئورۇندۇقى بولغان بىر مەيدان ھازىرلىشى كېرەككەن، ئامېرىكا كاتتا بىرلەشمىسىنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىگە ئاساسلانغاندا، بېكھامنىڭ بۇ (مەيئامى كوماندىسى) ئەڭ تېز بولغاندىمۇ2017-يىلى رەسمى كۆپچىلىك بىلەن يۈزكۆرۈشىدىكەن.
بېكھام ئۆزىنىڭ بۇ كوماندىسىغا داڭلىق چولپانلارنى يىغىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولغاچقا ئۇ ئاخبارات ۋاستىللىرىغا: ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىنىڭ چولپىنى كىرىستىيانو.رونالدونى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. كىرىستىيانو.رونالدو خان مادرېد بىلەن تېخى يېقىندا توختام ئۇزارتقان بولۇپ بۇ توختام2018-يىلى ئاخىرلىشىدۇ،1985-يىلى2-ئاينىڭ5-كۈنى تۇغۇلغان رونالدو ھازىر29ياش،2017-يىلى يازدا ئۇ 32ياشقا كىرىدۇ،شۇڭا رونالدونى1يىل بۇرۇن توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا بېرىش ئېھتىماللىقىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. بېكھام يەنە مۇنداق دىدى: 10يىلنىڭ ئالدىدا بۇ شەھەردە بىر پۇتبول كۇماندىسى بار ئىدى لىكىن تارقىتىۋېتىلگەن. مەن مەيئامىدەك بىر شەھەردە پۇتبول كۇماندىسى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن بۇھەم مەيئامىلىقلارنىڭمۇ ئۈمۈدى ھەم ئارزۇسى، بىزدە بىرتۈركۈم سېتىۋېلىش ئوبىكتى بولغان توپچىلار تىزىملىكى بار، بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بولۇش، بىز يەنە ياشلارنى تەربىيلەش بازىسى قۇرىمىز،بۇئارقىلىق مۇشۇ رايۇندىكى توپچىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئاشۇ بىرتۈركۈم داڭلىق چولپانلار ياردەم قىلالايدۇ. رونالدودىن باشقا يەنە، لامپارد(ئىنگىلاند)، فېردىناند(ئېنگىلاند)، ئىبراخىموۋىك(شىۋىتسىيە)قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلارمۇ بېكھامنىڭ تەكلىپ قىلىش ئوبىكتى ئىكەن.2017-يىلى يېڭى كائىنات كوماندىسى ئامېرىكىدا بارلىققا كىلىدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved