جاھان ئاگېنتلىقى 7-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ئارمىيىسى ۋە قۇراللىق كۈچلەر، ئەنبار ۋىلايىتدىكى «ئايىن ئەل ئەسەد» ھەربى بازىسى ئەتراپىدىكى ئەل بەغدادى يېزىسىنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ياردىمى بىلەن isis «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۋالدى.
ئامېرىكا ئارمىيسى، ئىراق ئەسكەرلىرى ۋە قەبىلە قۇراللىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن isis تىن ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئەل بەغدادى رايۇنىنى قايتۇرۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر رايۇن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بازىسى بولغان «ئايىن ئەل ئەسەد» ھەربىي بازىسىغا 5 كىلومىتىر يىراقلىقتا.
سىنتەبىر ئېيىدا isis نىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن فۇرات دەرياسى ئۈستىدىكى بىر قىسىم كۆۋرۈكلەر ۋە بىر ساقچىخانا، ئىراق ئارمىيسىنىڭ 7-ئەترىتى تەرىپىدىن قايتۇرۋېىلىندى. ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى بۇ ھەرىكەتلەرگە ھاۋادىن ياردەم بەردى.
isis ئۆتكەن ئاي ئەنبار ۋىلايىتىدە ئەل بەغدادى بازىرىنى كونتروللىقىغا كىرگۈزگەن ئىدى. تەشكىلات يەنە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراق ئارمىيسىنى تەربىيلەيدىغان «ئايىن ئەل ئەسەد» ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى ئەمما كونترول قىلالمىغان. مەزكۇر بازىدا 320 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى ئىراق ئارمىيسىنى تەربىيلەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved