كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 8-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:20 دىن 5:10 غىچە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە قىسقا مۇساپىلىك تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ قارالغان ئۇچار جىسىمدىن بەشنى قويۇپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەش دانە ئۇچار جىسىمنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئورنى چاۋشيەننىڭ ۋونسەن ئەتراپىدا بولۇپ، مۇساپىسى 200 نەچچە كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورىيە ھەربىي تەرەپ چاۋشيەننىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ . يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ‹‹ چاۋشيەننى ۋەيران قىلىش باياناتى ›› نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، چاۋشيەن ھەربىي مەشىقنى كۈچەيتكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved