جاھان ئاگېنتلىقى 12-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كىلىنتون، ئامېرىكىدا 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن نامزات بولىدىغانلىقىنى بۈگۈن ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىدۇ. ھىلارىي كىلىنتوننىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولۇپ قاتنىشىدىغانلىقى كۈتۈلىۋاتقان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن دەسلەپكى خىزمەت باشلىنىدۇ. ھىلارىي كىلىنتوننىڭ مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئېيتشىچە،ئۇ 2016-يىلىدىكى سايلام ئۈچۈن ئىقتىسادىي باراۋەرلىك ئىسلاھاتىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ئايال پرېزىدېنتى بولماقچى. خەلق رايىغا قارىغاندا، ھىلارىي كىلىنتوننىڭ ئېھتىمال دېموكرات پارتىيە نامزاتلىرىغا قارشى زور ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېموكراتچىلارنىڭ ھىلارىينى قوللىشى يۈزدە 60% ئەتراپىدا، ئىلزابىت ۋارىن يۈزدە 18% نىسبەتتە ئىككىنجى قاتاردا ئەمما ۋارىن پرېزىدېنت نامزاتى بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر تەرىپىدىن ھازىر ئىككى نامزا بار بۇلار Ted Cruz ۋە Rand Paul، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىن نامزاتلىقىنى رەسمى جاكارلىدى. يەنە بىر نامزات Marco Rubio دۈشەنبە كۈنى نامزاتلىقىنى ئېلان قىلماقچى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved