فرانسىيە «مۇنبەر گېزىتى» نىڭ گرېتسىيە «كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ئىلگىرى گىرېتسىيە زۇڭلىسى تسىپراس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ئەگەر قارشى تەرەپ مۇساپىر مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان كېلىشىمنى قوبۇل قىلسا، گېرمانىيە گرېتسىيە قەرز ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى ئىجرا قىلىشقا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ «چۈشىنىش» لەرنى ھاسىل قىلغان بولاتتى.
نەچچە مىڭلىغان كۆچمەنلەر گرېتسىيەنىڭ بوس ئارىلى بىلەن خىئوس ئارىلىدىن پىرائېئۇس پورتىغا يۆتكەلمەكتە.
مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ كەتكەن.
گېرمانىيە كولون ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنى (IW) نىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنى توشۇش، مۇساپىرلار لاگىرى قۇرۇش ھەمدە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە 50 مىليارد ياۋروغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر بىر مۇساپىرنىڭ تۇرار جاي، يېمەك-ئىچمەك ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى يىللىق چىقىمى 12 مىڭ ياۋروغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى يەنە ھەر بىر مۇساپىرغا 3300 ياۋرو چىقىم قىلىپ، ئۇلارنى تىل كۇرسى ۋە كۆچمەنلەرنى سىڭدۈرۈپ كىرىش دەرسىنى ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر مۇساپىرنىڭ يىللىق چىقىمى 15 مىڭ ياۋروغا يەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەگەر باشقا جەھەتتىكى چىقىمىنى تېجىمىسە، ئۇ ھالدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېلىم-بېرىم ئىسيان خەتىرى كېلىپ چىقىدىكەن.
گرېتسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان ساياھەت دۇكانلىرى خاتىرە بۇيۇملارنى سېتىش كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر ۋە كۆچمەنلەرگە قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى ۋە رېزىنگە قولۋاق قاتارلىقلارنى ساتقان.
مېركېل قەرز ئارقىلىق گرېتسىيەنى سېتىۋېلىشتىن باش تارتمىغان.
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى گرېتسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، چېگرانى تىزگىنلەش مەسىلىلىرى جەھەتتە تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا ھەقدار گرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېيىنكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ھازىرغا قەدەر، مۇساپىرلار مەسىلىسى بىلەن گرېتسىيەنىڭ قەرز كىرزىسى قارىماققا ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەگەر «كۈندىلىك خەۋەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرى راست بولسا، بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ چېگرىسى ئۇنچە ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن. مەزكۇر گېزىتنىڭ يېقىنقى تسىپراس ئۇچۇر مەنبەسىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، مېركېل ئىلگىرى گرېتسىيە زۇڭلىسىغا مۇساپىرلار مەسىلىسى ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرەپ قىلىنسا، قەرز ئارقىلىق قۇتقۇزۇش سۆھبىتىنى تېزلىتىدىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلىنىڭ مۇشۇ مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گرېتسىيە لېسبوس ئارىلىغان بارغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى 35 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. ب د ت مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا گرېتسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 58547 گە يېتىپ، كۈنىگە تەخمىنەن 2000 ئادەمدىن ئاشقان. 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، قۇرۇقلۇققا چىققانلارنىڭ سانى 5000 دىن ئېشىپ كەتكەن. گرېتسىيە ساقچى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا گرېتسىيگە كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ %35 تى بالىلار ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار %44 نى، قىزلار %21 نى ئىگەللەيدىكەن. رەسىمدىكىسى بولسا مۇساپىرلار تاشلىۋەتكەن قۇتقۇزۇش كىيىمى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ قۇتقۇزۇش كىيىملىرى 40 مىڭ كۋادىرات مېتىرلىق، بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇتقۇزۇش كىيىمى دۆۋىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved