12-ئاينىڭ 17-كۈنى چېلسىدىن ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، مورىنھو بۇ بىرقانچە كۈندە تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارا زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىدى، كېيىنكى بېكىتى توغرىسىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى، مادرىد، رىم، پارىژ، موناكو قاتارلىق زەردار كوماندىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرى چىقتى. «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مورىنھو ئۆزى ئەڭ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان كوماندا مانچېستىر بىرلەشمىسى ئىكەن، چۈنكى مورىنھو داۋاملىق ئېنگىلاندتا قېلىپ، ئۆزىنى قايتىدىن ئىسپاتلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. مادرىدمۇ مورىنھو بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كوماندا، ئەمما ئۆتكەن كۈنلەردە مادرىدتىكى كۆپلىگەن چولپانلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىش ھەم مادرىد قىسقا مەزگىلدە بېنتىسنى ئىشتىن بوشاتماسلىق قاتارلىق ئامىللار مورىنھونى مانچېستىرغا بېرىشقا تېخىمۇ ئامراق قىلىدۇ. «تايمىس گېزىتى» نىڭ تۈنۈگۈنكى باش سەھپە خەۋىرىدە مورىنھو مانچېستىر بىرلەشمىسىگە بېرىشى مۇمكىن، ئەمما مورىنھو كېلەر يىلى يازدا ئاندىن كونا ترافولىد مەيدانىغا كىرەلەيدۇ دېيىلدى.
«ئەينەك گېزىتى» مورىنھونىڭ قەلبىدە يەنىلا مادرىدنىڭ چاقىرىقىنى ساقلاش مەۋجۇت، ئەمما بۇ ئارزۇ ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، چۈنكى مانچېستىر بىرلەشمىسى ھازىر مورىنھونىڭ ئارزۇسىدىكى كېيىنكى بېكەت. مورىنھونىڭ ۋاستىچىسى ئالدىنقى كۈنى مورىنھوغا ۋەكىل بولۇپ مورىنھو داۋاملىق ئېنگلاندتا ياشايدۇ، مانچېستىرنى يىتەكلەش مورىنھونىڭ بۇ شەرتىنى قاندۇرالايدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى. بۇندىن سىرت، بۇ باياناتتا يەنە مورىنھو ئارام ئېلىشنى ئويلىمىدى، ئۇ ھازىر يېڭى كوماندىنى قولغا ئالسا بولىدۇ، مانچېستىر بىرلەشمىسى شۈبھىسىزكى مورىنھو يېقىنقا مەزگىلدە كىرىشى ئەڭ مۇمكىن بولغان كوماندا دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved