ئابې شىنزۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى يۇكىئو خاتوياما 14-ئىيۇن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر ياپونىيە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە، ئۇنداقتا ئۇرۇش يولىغا ماڭغانلىقىدىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىندا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى پارتىيە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى چۈشەندۈرۈشىنى زىچ چۆرىدەپ كۈچلۈك مۇنازىرە ئېلىپ باردى.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش ۋەزىرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش قىلماسلىق مەسىلە ئەمەس، مەنئى قىلىشنى بىكار قىلىش داۋامىدا قانداق قىلىپ دېموكراتىيەنى نامايان قىلىش ئۇنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىگە چىقارغان تېمىسى. ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، ئابې شىنزۇ ھاكىمىيىتى 22-ئىيۇن ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىمقى پارلامېنتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن كابېنتنىڭ قارار لايىھەسىنى ماقۇللاپ، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلاشقا قولايلىق يارىتىشى مۇمكىن. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى قۇرغان ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى تىنچلىق پارتىيەسى بولۇپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا ياپونىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىدە ئابې شىنزۇ ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىققا قاراپ مېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاخىرقى تورمۇز دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ئىككى پارتىيە ئاساسىي قانۇندىكى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش چۈشەندۈرۈشىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە كېڭەشكەندىن كېيىن، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى بۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتتى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئوتتۇرغا قويغان قىياسىي ئىشلارغا گۇمان بىلەن قاراپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەدبىرى بەك تېز بولۇپ كەتتى، دەپ قارىدى.


گەرچە ئىككى پارتىيەنىڭ ئىختىلاپى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى بۇ ئىشتا سەل ئاجىزلىق قىلدى، سىياسىي كۈچ جەھەتتە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان پەرقى چوڭ، ئىككى پارتىيەنىڭ قارشىلىشىشىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 13-ئىيۇن، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ ئىجرائىيە بۆلۈمى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش ھەمدە ئاساسىي قانۇندىكى چۈشەندۈرۈشكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يول قويۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈردى. 17-ئىيۇن كابېنت ئاخىرقى قارار لايىھەسىنى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

 

كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى تورمۇزنى كۈچەپ دەسسىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئۈنۈمى بولمىدى، ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى بۇنى توسۇپ قالالمىسا، بۇندىن كېيىن كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئابې شىنزۇ ھاكىمىيىتى خىيالىغا كەلگەننى قىلىۋېرىدۇ.
ئابې شىنزۇ ھاكىمىيىتى 2012-يىلى 12-ئايدا تەختكە چىققاندىن بۇيان، باشتىن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچىنىڭ كۆپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ چوڭلۇقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى چۈشەندۈرۈشكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كېڭىشىشى ئارقىلىق ئاتالمىش كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى قانۇنلۇق يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.

 


2013-يىلى 8-ئاۋغۇست، ئابې شىنزۇ ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندىكى چۈشەندۈرۈشىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ياپونىيە كابېنت قانۇنچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىپ، ئاساسىي قانۇندىكى چۈشەندۈرۈشكە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن يول ئاچتى.
5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيەدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش جەمئىيىتى پارچىلاندى، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەدە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر قايتا تەشكىللىنىشكە باشلىدى. جۈملىدىن يېڭىلىققا كۆچۈش جەمئىيىتى پارچىلانغاندىن كېيىنكى ئىككى پارتىيە، كۆپچىلىك پارتىيەسى، بىرلىشىش پارتىيەسى، ھەتتا دېموكراتلار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەر بەس-بەستە بىرلىشىشكە باشلىدى. ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى پارتىيەنى قايتا تەشكىللەشكە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇردى، بىراق بۇ پارتىيەنىڭ سابىق باشلىقى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشنى قۇۋۋەتلىدى ھەمدە بۇ پارتىيەنىڭ ھازىرقى باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئابې شىنزۇ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالدى.


ياپونىيەدىكى بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابې شىنزۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى پەيدىن پەي كېڭەيتىش. يۈزەكى جەھەتتە ئەڭ تۆۋەن چەك دېيىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسى ئۈزۈل-كېسىل قۇرۇق گەپ بولۇپ بولۇپ قالىدۇ. ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدا ياپونىيە دۆلەت ھوقۇقى بىلەن ئۇرۇش قوزغاش، قورال كۈچى ئىشلىتىمىز دەپ تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى ئىشلىتىشنى خەلقئارا ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشتىن مەڭگۈ ۋاز كېچىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.


گەرچە ياپونىيەنىڭ سىياسىي ساھەسى، ئەل ئارىسىدا ئابې شىنزۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىشنى بىكار قىلىشنى چۈشەندۈرۈشكە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ھەققىدە يەنىلا ناھايىتى كۆپ گۇمان ۋە قارىشى تۇرۇشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن غالجىرلاشقان ئابې شىنزۇ يەنىلا بۇنى ئۆز ئالدىغا ئىلگىرى سۈرمەكتە.



خەتكۈچلەر:
17-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek