جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-فېۋرال تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 11-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئۇچۇر بىخەتەرلىك كارخانىسى ‹‹ رەقەم سەنئىتى ›› نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 9-فېۋرال ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشىچە، ياپونىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە سائەت يانفون ئوينايدىغان بولۇپ، بىر قىسىم قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفون ئويناش ۋاقتى 15 سائەتكە يېتىدىكەن. بىراق ئوخشاش ياشتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانفۇن ئويناش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت سائەت ئەتراپىدا ئىكەن.
‹‹ رەقەم سەنئىتى ›› شىركىتى توردا 618 ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ %96 ئوقۇغۇچىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ %60 ئوقۇغۇچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %40 ى يانفون ئوينايدىكەن. ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك پاراڭلىشىش ۋە دوستلىشىش يۇمشاق دېتالى، ئويۇن ئويناش ۋە سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلەش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved