ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە يولۇقىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 26-نويابىردىن باشلاپ، تېررورلۇققا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىنى يولغا قويدى. يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى، تۈرلۈك مەكتەپلەر تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي جەھەتتە ئەسەبىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىنچە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇش، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى دەپ گۇمان قىلىنغان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىنى مەنئىي قىلىش، ساقچىلارغا ئەنگلىيە چېگراسىدا گۇماندارلارنىڭ پاسپورتىنى ئەڭ كۆپ بولغان 30 كۈن تۇتۇپ قېلىش ھوقۇقى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved