رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر قېلىشىچە، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز (Ismet Yilmaz) مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيىنىڭ جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش ئىشىغا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە جۇڭگودىن سېتىۋېلىنغان بۇ خىل قوراللارنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىشچانلىق جەھەتتە مەسىلە چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئىزچىل قارشى تۇرغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيىنىڭ ئەسلىدىكى پىلان بويىچە جۇڭگودىن ئۈچ مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋالىدىغانلىقى ئېلان قىلغان.
ئسمەت يىلماز پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا يازمىچە جاۋاب قايتۇرغان، ئۇ دوكلاتىدا جۇڭگودىن سېتىۋالىدىغان بۇ قوراللار تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمەيدۇ دېگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2013-يىلى جۇڭگودىن «قىزىل بايراق-9» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرەپ تۈركىيىنىڭ بۇ پىلانىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، ئۇلار تۈركىيە جۇڭگودىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋالسا بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ دەپ قارشى تۇرغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved