ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 14-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى 13-ئىيۇن لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسىنىڭ رەھبىرىنى نىشان قىلىپ، ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان. لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، «بازا تەشكىلاتى»نىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى شۆبىسىنىڭ بىرى بولغان ناسىرزىم مۇستەقىللىق ھەرىكىتى»نىڭ قوماندانى، ئەسلىدىكى «نىقابلىق بىرگادا»نىڭ كاتتىبېشى مۇختار بېل مۇختار ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن.
مۇختار بېل مۇختار بۇ يىل 43 ياشتا بولۇپ، ئالجىرىيەلىك، چاد ئىلگىرى بۇ كىشىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. 2013-يىلى 1-ئايدا «نىقابلىق بىرگادا» قوراللىق كۈچلىرى ئالجىرىيەدىكى تەبىئىي گازلىققا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 37 كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ 3 ئامېرىكىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2013-يىلى مۇختار بېل مۇختارنى كۆپ تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە تۇتۇپ بەرگەنلەرگە بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved