قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف تۈنۈگۈن تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى قاتتىق مەنئى قىلدى.
قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى ھاسانوف شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش يېڭى قانۇن لايىھەسى ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن، قازاقىستان تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان شەخسىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى چەكلەشتە قانۇنىي ئاساس يوق ئىدى. تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش يېڭى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا، يېڭى تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇنىدا يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ قىزىق نۇقتىلىق رايونلارغا بېرىپ، ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش غەرىزى بولغان قازاقىستانلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇشىغا رەسمىي يولغا قويۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved