يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىرلىشىپ ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋاپكار ياۋنى مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە 20000 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.دېلو بېجىرگۈچى خادىمنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، 2009-يىلى 12-ئايدا، باشقا يۇرۇتتىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەلگەن لى ئەپەندىم باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق يۇقىرى تەرەققىيات رايونى چىڭخەي يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچى ياۋ ئۆزىنى ئۆينىڭ خوجايىنى دەپ تونۇشتۇرغان، باھا تالىشىش ئارقىلىق ئىككىيلەن «ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» گە ئىمزا قويۇپ 310 مىڭ يۈەنگە پۈتۈشكەن.
لى ئەپەندىم ئىككى يىل ئىچىدە ياۋغا 260 مىڭ يۈەن تۆلىگەن. ئېشىپ قالغان 50 مىڭ يۈەننى لى ئەپەندىم ئۆي كىنىشكىسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە تۆلەيدىغانغا دېيىشكەن.
2013-يىلى 8-ئايدا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالغان لى ئەپەندىم ئۆينى بېزەشكە باشلىغان، بۇ ۋاقىتتا بىر ئايال ئۆيگە كىرىپلا ئۆينى مېنىڭ دېگەن. كۆپلىگەن ئىسپاتلار ئارقىلىق لى ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن. ئۆي-مۈلۈك بۆلىمى ياۋنىڭ بەرگەن ئۆي كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇنىڭ بىلەن لى ئەپەندىم ساقچىغا مەلۇم قىلغان، 2013-يىلى 9-ئايدا ياۋ قولغا ئېلىنغان.
يېڭى شەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئادەتتە ئۆي كىنىشكىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرمەك ئۇنچە تەس ئەمەس، ئۆينى سېتىۋالغۇچى ئۆي كىنىشكىسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ياخشىسى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى مەركىزىگە ئاپىرىپ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈتۈپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئۆي-جايغا ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلار بولسا، ئۆي سېتىۋالغۇچى چوقۇم ئۆي ساتقۇچىدىن تەڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆينى ساتقۇچى توي قىلىپ بولغان بولسا، بۇ سودىدا چوقۇم جورىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved