رۇسىيەلىكلەر مۈشكۈل ئەھۋالدا پۇتىنغا ئىشەندى


يىل ئاخىرىدا دۇنيانى ئەنسىزلىك قاپلىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى قەھۋەخانىدا ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، پاكىستاننىڭ پېشاۋۇردىكى مەكتەپ قورۇسىدا پاجىئە يۈز بېرىپ، 134 بالا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. تېررورلۇق ھۇجۇمىغا كۆپ ئۇچرىغان رۇسىيەگە نىسبەتەن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پۇل كىرىزىسى رۇسىيەلىكلەرنى سەل ئەندىشىگە سالغان بولسىمۇ، ساراسىمە پەيدا قىلالمىدى.


رۇسلار قەيسەر ھەم چىداملىق. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رۇسىيەلىكلەر مۈشكۈل ئەھۋالدا قانداق ياشاشنى ئۆگىنىۋالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى نۇرغۇن قېتىملىق پۇل پاخاللىقى ۋە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، مال باھاسىدىكى زور داۋالغۇشىدا رۇسىيەلىكلەر ئاسانلىقچە ھۇدۇقۇپ كەتمەيدىغان بولدى.


پۇتىن 2000 – يىلى تۇنجى قېتىم ھوقۇق يۈرگۈزگەندىن بۇيان رۇسىيە بىر قەدەر تىنچ، ئۈمىدكە تولغان 14 يىلنى ئۆتكۈزدى. رۇسىيە ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، 2008 – يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇردى. رۇسىيەلىكلەر يۇقىرى نېفىت باھاسى ۋە ياخشى بولغان ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا تايىنىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.


داۋالغۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان رۇسىيەلىكلەر بىر نىيەتتە مۇقىملىقنى ئارزۇ قىلغاچقا، پۇتىننىڭ ‹‹ھەممىنى كونترول قىلالايدىغان›› ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبى رۇسىيەلىكلەرنى خاتىرجەم قىلدى. مال باھاسىدا يېقىندا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەتتا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ پۇتىننى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلىمەي، ئەكسىچە داۋاملىق ئۆرلىدى، بۇنىڭدىن غەرب دۆلەتلىرى تولىمۇ ھەيرەتتە قالدى.


پۇتىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان كونكرېت لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى تۈگىتىشكە ۋەدە بەردى، ئۇنىڭ سۆزى رۇسىيەلىكلەرگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى. رۇسىيە خەلقىگە نىسبەتەن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭ جاۋابكارىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە پۇتىننىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە تۈگەتكەن ياخشى.

 

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىمۇ، 2014 – يىلى رۇسىيە ئۈچۈن 2008 – يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ مۈشكۈل بىر يىل بولدى، جۈملىدىن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، مەبلەغ سىجىل سىرتقا ئېقىپ، كېيىنكى كىرىزىس دەۋرىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش يوشۇرۇن كۈچى ئاساسەن خوراپ تۈگىدى. بىراق، بەزىلەر ئۈمىدۋار ھالدا ئۇزاقتىن بۇيان بىر خىل كېتىۋاتقان رۇسىيە ئىقتىسادى بۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەلكىم ئۇنىڭ يېڭى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى قېزىپ چىقىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.


پۇتىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئېيىق››نى كىشەنلىۋالماقچى بولغانلىقنى ئەيىبلىدى، بۇنىڭدىن غەربنىڭ جازالىشى ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ رۇسىيەنى باش ئەگدۈرەلمەيدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. پۇتىن قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قېتىلغانلىقى تېمىسىدىكى نۇتقى، دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ۋە يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى قاتارلىق سورۇنلاردا غەرب دۆلەتلىرىگە پوزىتسىيەسىنى قايتا نامايان قىلدى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىدىن قىلچە قورقۇپ قالمىدى، بۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولغان؟
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى قويۇق بولمىسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق، رۇسىيەدە ئەگەر ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس كۆرۈلسە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يامرىشى مۇقەررەر. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستېينمېيېر يېقىندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىقتىساد سەۋەبلىك مۇرەسسە قىلمايدۇ، ئەگەر رۇسىيە كىرىزىسقا ئۇچراپ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتسا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ.


قىرىم رۇسىيەگە قېتىلغاندىن كېيىن، ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن رۇسىيە خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بۇنىڭدىن غەيرەتكە كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى. غەرب تاراتقۇلىرى ئىلگىرى مىللەتچىلىك قىزغىنلىقىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەندە، رۇسىيەلىكلەر قارىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۆلچەرى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىدى



خەتكۈچلەر:
30-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek