ئوكرائىنانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يېلىچىنكو 4- يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باھالاش كومىتېتىنى دۇنباس رايونىغا بېرىپ بۇ جايغا تىنچلىقنى قوغداش قىسىمى ئەۋەتىش ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.
ئوكرائىنانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېلىچىنكو 4- يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بابكىمونغا تولۇق ھوقۇقلۇق گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنباس رايونىدىكى كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېلىچىنكو يەنە مۇنداق دېگەن: كرىزىسنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىر دەل دۇنباس رايونىغا تىنچلىقنى قوغداش قىسىمى ئەۋەتىش، شۇڭلاشقا بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىباتلار باشقارمىسى باھالاش كومىتېتىغا تەكلىپ سۇندۇق، بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېھتىماللىق بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئىچى قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ئالېكساندىر زاخارچىنكو 4- يانۋار مۇنداق دېگەن: ئوكرائىنانىڭ شەرقىگە تىنچلىقنى ساقلاش قىسىمى ئەۋەتىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپ ھەربىي كۈچىنىڭ ئارىلىشىشى بۇ جايدىكى كرىزىسنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved