مىسىر گىزا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2-دېكابىر كەچتە سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ 188 قوللىغۇچىسىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى، ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىكى بىر قېتىملىق زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا ساقچىلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى دەپ شىكايەت قىلىندى.
سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يۇقىرىقى جاۋابكارلار 14-ئاۋغۇست پايتەخت قاھىرەنىڭ كىئېلداسەي رايونىغا جايلاشقان بىر ساقچى ئىدارىسىغا زوراۋانلىق ھۇجۇمى قىلىپ، ئىدارە باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
تەپتىش دائىرىلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت پارتىيەسىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى پىلانلىدى. بۇ ۋەقەگە قاتناشقۇچى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىش، تاپانچا ۋە ئوق دورا ئېلىپ يۈرۈش دېگەندەك جىنايەتلەرگە قاتناشقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved