ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرى مالىنىڭ شىمالىدا بايقالدى

ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ 24-ئىيۇل دەلىللىشىگە قارىغاندا ، مەزكۇر شىركەتنىڭ شۇ كۈنى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولوچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن . ئەمما چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن ۋە سەۋەبى ئاشكارىلانمىغان .


‹‹مەركەز ئاگېنتلىقى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالى زۇڭتۇڭى كېيتا بۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ؛ ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرى مالىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇقتا بايقالدى . بۇ ئايروپىلاندا جەمئىي 116 يولۇچى بار بولۇپ ، بۇنىڭ 50 ى فىرانسىيەلىك .


كېيتا پايتەخت باماكودا سىياسىي ، دىنىي ۋە ئەل ئىچى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن : مەن ئەمدىلا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدىم ، ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ئاگۇلخوك بىلەن كىدال ئارىسىدىكى رايوندا بايقالدى . لېكىن ئۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىمىغان .


ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خادىمى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ AH5017 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بۇركىنا فاسونىڭ پايتەختى ۋاگادوگودىن ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىرىيەگە قاراپ يولغا چىققان . ئەمما شۇ يەر ۋاقتى 24-ئىيۇل سەھەردە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئۇچۇش رايونىدا كۈچلۈك بوران-چاپقۇن بولۇۋاتقان ئىكەن .


فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ ئايروپىلان ئېھتىمال چۈشۈپ كەتكەندۇ ، بىز مالىدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئايروپىلان قالدۇقلىرىنى ئىزدەشكە سەپەرۋەر قىلىمىز .



خەتكۈچلەر:
25-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek