ئالما شىركىتى siri پاتنىت تالاش-تارتىشى سەۋەبلىك دۆلەت بىلىم-مۆلۈك ھوقۇقى ئېدارىسى ۋە شاڭخەي جىجېن تور پەن-تېخنىكا شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. دۆلەت بىلىم-مۆلۈك ھوقۇقى ئېدارىسى كىچىك i ماشىنا ئادەمنىڭ ئاۋاز يۇمشاق دىتالىنىڭ پاتنىت ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئالما شىركىتىنىڭ مەمۇرى داۋاسىغا دۈچ كەلدى.
ئالما شىركىتىنىڭ دۆلەت بىلىم-مۆلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان دىلوسىغا ئېچىلغان سوتنىڭ نەق مەيدان كۆرىنىشى
ئالما vs كىچىك i ماشىنا ئادەم
2012 -يىلى، شاڭخەي جىجېن تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى siri تېخنىكىسىنى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاۋاز سېستىمىسى «كىچىك i ماشىنا ئادەم» نىڭ پاتنىت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قاراپ، ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ئەرزى سۇنغان. «كىچىك i ماشىنا ئادەم» (جۇڭگۇ كەشپىيات پاتنېت نومۇرى ZL200410053749.9) بولسا 2004-يىلى كەشپىيات پاتنىتى ئىلتىماس قىلىنغان ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاۋاز سېستىمىسى.
نۆۋەتتە بۇ دىلو شاڭخەيدە سوتلىنىپ بىر باشقا چىقمىغان، ھالبۇكى ئالما شىركىتى «كىچىك i ماشىنا ئادەم»نىڭ پاتنىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، يەنە بېيجىڭدا جۇڭگۇ پاتنىت ئىدارىسىدىن «كىچىك i ماشىنا ئادەم»نىڭ پاتنىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.
2013 -يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەت بىلىم-مۆلۈك ھوقۇقى ئېدارىسى پاتنىت ئىشلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش كومتىتى قارار چىقىرىپ، شاڭخەي جىجېن شىركىتىنىڭ يۇقارقى پاتنېت ھوقۇقىنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ساقلاپ قالدى.
ئالما شىركىتى پاتنىت ئىشلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ قارارىغا قايىل بولماي، دۆلەت بىلىم-مۆلۈك ھوقۇقى ئېدارىسى پاتنىت ئىشلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش كومتىتىنى جاۋابكار ئورۇنغا چىقىرىپ، بېيجىڭ بىرىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرى داۋا ئەرزى سۇنۇپ، جاۋابكار چىقارغان 21307 نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى ئىناۋەتسىز قىلغانلىق قارارنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ بىرىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ بۇ دىلوغا قاراپ چىقتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved