جۇڭگو ياشلىرى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
تۈنۈگۈن سوت ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ، لىيۇۋ خەن قاتارلىق 10 كىشىنىڭ دىلوسىغا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن ، لىيۇۋ خەن بىر تۈرلۈك جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى،لىيۇۋ شىياۋپىڭ ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ كۆرسەتكەن پۈتۈن جىنايەت ناملىرىنى ئىنكار قىلدى . 8 نەپەر جىنايەتچى خاتالىقىنى تۇنۇپ سۆز قىلدى .
جاۋابكار لىيۇۋ خەن :
مەن ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن (دېلودىن كېيىن )ئۆگىنىش ئارقىلىق ، قانۇنغا بولغان چۈشەنچەمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مېنى بىر قانۇن ‹قارىغۇسى › دېيىشكە بولغۇدەك .، يۇشۇرۇشمۇ جىنايەت ، مەيلى قانداقلا سەۋەپتىن بولسۇن ، مەن راستىنلا جىنايەت ئۆتكۈزدۈم . مەن بۇ يەردە بارلىق دوستلاردىن ، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر پۇقرادىن كەچۈرۈم سورايمەن ،
كۆپچىلىك مېنى كەچۈرۈڭلار .
جاۋابكار لىيۇۋ گاڭ
:
مەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتىمگە ئىقرار ، قانۇننىڭ جازاسىغا بويسۇنىمەن .
جاۋابكار سۈن خۇاجۈن :
مەن قىلغان ئىشلىرىمغا بەكلا پۇشايمان قىلدىم ، مەن زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدۈم ،ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن . سوتنىڭ ماڭا بىر قېتىم قايتىدىن ئادەم بۇلۇش پۇرسىتى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
جاۋابكار مۇخەن :
مەن ۋاڭ يۇڭچېڭنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقىنىمنى ئېتىراپ قىلىمەن .
جاۋابكار چې دايۇڭ :
مەن ۋاڭ يۇڭچېڭنى ئۆلتۈرۈش دىلوسىغا قاتناشقان ،ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن ،سوتنىڭ يېنىكلىتىپ جازا بېرىپ ،ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىنى سورايمەن .
جاۋابكار چوۋ دېفېڭ :
ياشلىقىدىكى قىزىقىش ۋە قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ، مەن قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلغان ئىدىم ،مەن زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن ، ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىپ بەرگەنلىرىگە قارىتا پىكرىم يوق .
جاۋابكار شىياۋ يوڭخوڭ :
مەن ئۈچ خىل جىنايەت ئۆتكۈزگەن ،بىراق مەن بەكلا ياش ، شۇنچە يىللاردىن بېرى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ،سوتنىڭ ماڭا كەڭچىلىك قىلىشىنى سورايمەن .
تەپتىش مەھكىمىسى، لىيۇۋخەن، لىيۇۋېي قاتارلىق جىنايەتچىنىڭ ، قارا جەمئىيەت تەشكىللەشكە باشچىلىق قىلىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، قارا جەمئىيەت خارەكتىرىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، قانۇنسىز باشقىلارنى قاماش جىنايىتى، قانۇنسىز قورال-ياراغ ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى، قانۇنسىز قورال ئىشلىتىش جىنايىتى، ئوق-دورا ياساش جىنايىتى، تىل بېرىكتۈرۋېلىپ خېرىدار چاقىرىش جىنايىتى، قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى، قاقتى -سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى، قىمار سورۇنى تەشكىللەش جىنايىتى، يوشۇرۇش جىنايىتى، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى، قاتارلىق جىنايىتى ئۈستىدە شىكايەت قىلدى. لىيۇۋ خەننىڭ ئىنىسى لىيۇ ۋېي 2000-يىلى9-ئايدىلا بىر قېتىم قانلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قارا جەمئىيەت گۇرۇھىنىڭ تۇغدۇرغان ئاۋارىچىلىقى، ئۆتكۈزگەن جىنايىتى بىر خىللا ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ۋە چېكىدىن ئاشقان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved