جاھان ئاگېنتلىقى 6-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى پېترو پوروشىنكو، «بىزنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك ئىستىراتىگىيىمىز بولسا كەلگۈسىدە ئۇكرائىنىيەنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرشىشتۇر» دېدى. پوروشىنكو مىللىي بىخەتەرلىك كومىتىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، روسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ كەڭ دائىرلىك ھۇجۇم قوزغاش خەتىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۆلىتىنىڭ مۇداپىئە خىزمىتىدە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. پوروشىنكو، بۇ دائىرىدە ئارمىيە قىسىملرىنىڭ يېڭى رايۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، يېڭى قىسىم سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلىنىشى، مارىيوپۇل، بېرديانسك ۋە پۈتۈن ئازاك دېڭىزى قىرغىقىدا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇملارغا قارشى تەدبىرنىڭ كۈچەيتىلىشىنى ئېيتتى. پوروشىنكو، بۇ دائىرىدە مىللى بىخەتەرلىك ئىستىراتىگىيىسى لايىھەسىنىڭ ئۇكرائىنىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ، روسىيەنىڭ ئۆز ئىستىراتىگيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ، ئۇرۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى. پوروشىنكو، «ئىستىراگىيەمىز كەلگۈسىدە ئۇكرائىنىيەنىڭ ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەت بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشتۇر، نەتىجىدە بۇ مۇھىم تېمىغا ئىستىراتىگيەمىزدە يېڭىدىن ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك» دېدى، پوروشىنكو، ئۇكرائىنىيەنىڭ ش ئا ئە ت غا كىرىش ئۇرۇنىشىنىڭ ئۇكرائىنىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، « ش ئا ئە ت بىلەن ھەمكارلىشىش ، ئۇنىڭدىن باشقا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسىتىگە سادىق بولۇش دەل بۇ نوقتىدىن ئىنتاين مۇھىم » دەپ سۆز قىلدى.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved