ئالداپ سېتىلغان تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى

     ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش تەلىپى ياكى باشقىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى قۇتقۇزماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى تەرۇز ئوبيېكتى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرويى ۋە ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى.

    بۇ جىنايەت تاللىما جىنايەت نامى بولۇپ، بۇنى كونكرېت تۆت خىلغا يەنى، ئالداپ سېتىلغان ئاياللارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى، ئالداپ سېتىلغان بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

    بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل قىلمىش سادىر قىلىنسا، بىر قانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش بويىچە ئەمەس، بىر جىنايەت بويىچە جازالىنىدۇ. بۇ جىنايەت ئوبيېكتىپ جەھەتتە، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش تەلىپى ياكى باشقىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئېغىر ئاقىۋەت بۇ جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشىدە زۆرۈر شەرت بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا بولغاندىلا بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ. بۇ ئادەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈۋېلىشى، مېيىپ بولۇشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى، ئالداپ سېتىۋېتىلگۈچى، تۇتۇپ كېتىلگۈچى باسقۇنچىلىق قىلىش، خورلىنىش، تەن جازاسى بېرىلىش، ھەتتا قايتا سېتىلىش تۈپەيلىدىن يىپ ئۇچى يوقۇلۇپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئېغىر ئاقىۋەت قىلمىشچىنىڭ قۇتقۇزماسلىق قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پەيدا بولىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىلا بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولىدۇ.

   بۇ دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلىرى، بولۇپمۇ ج خ ئورگىنى، ئەدلىيە ئورگىنىدا قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا دائىر ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جىنايەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەنى قىلمىشچىنىڭ قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، ھەتتا ۋاز كەچكەنلىكىدەك قەستەنلىك ئېھتىمالى بولمىسىمۇ، ئەمما كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتكە سەۋەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتىدۇ. دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 416-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا: ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek