13-ئۆكتەبىر فىرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس جېن تايلور ‹‹ بازار كۈچى ۋە نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئانالىز››ى ئۈچۈن 2014-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
نوبېل مۇكاپاتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى شۇ يەر ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ، بۇ مۇكاپات فىرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس جېن تايرولنىڭ ‹‹بازار كۈچى ۋە نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئانالىز›› ىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن بېرىلگەن .
يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پىروفېسسور جېن تايلور دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلىق ئۇستازى بولۇپ ، 1990-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئىقتىساشۇناسلارنىڭ رەت تەرتىپىدە 2-ئورۇندا تۇرغان . ھازىر ئۇ فىرانسىيە توۋلوۋسې ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك ئىقتىسادشۇناسلىقى تەتقىقات ئورنى پەن-تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ، شۇنداقلا يەنە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى ، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پىروفېسسورى ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېھمان پىروفېسسورى . 1984-يىلىدىن ھازىرغىچە ‹‹ئىقتىسادىي ئۆلچەم ›› ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى . شۇنداقلا پۇناس ئىقتىساد باشقۇرۇش ، تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى .
تايرول پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (1976-يىلى)، دۆلەتلىك كۆۋرۈل-يول مەكتىپى (1978-يىلى) دە قۇرۇلۇش ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ، پارىژ 9-ئۇنىۋېرسىتېتى (1978-يىلى) نىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1981-يىلى ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .
جېن تايلور ھازىرغىچە ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە ئائىت 180 پارچىدەك ئىلمىي ماقالە يازغان ، شۇنداقلا ‹‹ئىگىلىك گۇرۇپپىلاش نەزەرىيەسى ››، ‹‹قورشاھ شاھمات نەزەرىيەسى ›› (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ، ‹‹ ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش سېتىۋېلىشى ۋە قائىدە–تۈزۈم ئىچىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش نەزەرىيەسى ›› (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە)، ‹‹بانكىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش ›› (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ، ‹‹تېلېگراف رىقابىتى ›› (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ، ‹‹ پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ، ئېقىشچانلىق ۋە خەلقئارا پۇل تۈزۈمى ›› ۋە ‹‹شىركەت پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسى ›› قاتارلىق سەككىز كىتابنى يازغان .
2013-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ئېجىن فاما ، لارس پېتېر خانسېن ۋە روبېرت شىللېر قاتارلىقلارنىڭ ‹‹ مۈلۈك باھاسى تەجرىبىچىلىك ئانالىزى ›› ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە بېرىلگەن .
نوبېل 1895-يىلىدىكى ۋەسىيەتنامىسىدە ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلمىغان ، بىراق شىۋېيتسىيە مەركىزىي بانكىسى نوبېلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1968-يىلى مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان . بۇ مۇكاپاتنىڭ تولۇق نامى ‹‹ شىۋېيتسىيە دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ ئالفېرد نوبېلنى خاتىرىلەش ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى ›› بولۇپ ، 1969-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved