ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدا ئاپتوموبىللار سىگنال بەرسە ۋە قاتناش بەلگە چىرىغىنى بۆسۈپ ئۆتسە، بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىلسا، ئوخشاشلا جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 24- ئىيۇن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى (يول بۆلەكلىرى) دا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سىگنال بېرىشىنى مەنئى قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشى» نى تارقاتتى. بۇ ئارقىلىق شەھەر رايونلىرىدىكى قاتناشنىڭ شاۋقۇنىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ ۋە تۆۋەنلىتىپ، قاتناش شاۋقۇنىنى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش دائىرىسىدىكى شەھەر ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى، شەھەر ئاھالىسىگە ياخشى قاتناش مۇھىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2015- يىلى 1- ئىيۇلدىن باشلاپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىر قىسىم رايون (يول بۆلەكلىرى) لاردا سىگنال بېرىشىنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلغان.
‹‹ئۇقتۇرۇش» قا ئاساسەن، تاشقى ئايلانما يولىنى چۆرىدىگەن رايون (تاشقى ئايلانما قەۋەت يولىنىڭ ئاستىدىكى يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سىگنال بېرىشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى ئورنىتىلغان يول بۆلەكلىرىدە سىگنال بېرىش مەنئى قىلىنىدىكەن؛ 2015- يىلى 1- ئىيۇلدىن 14- ئىيۇلغىچە تەشۋىق - تەربىيە مەزگىلى ئىكەن، 15- ئىيۇلدىن باشلاپ خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە جازالىنىدىكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved