خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش

1.خېرىدارلار رازىلىقى ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

 


ھەممىمىزگە ئايان بولغۇنىدەك مەلۇم خىل ئۇقۇم بىردەملىك ئىچىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس ئۇقۇمنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ يۈزدىن سىلەرگە بۇ ماقالىنى سۇندۇم.
«خېرىدارلار رازىلىقى» 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىخلانغان.ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى بازار رىقابەت شارائىتى ئىنتايىن يامانلىشىپ كەتكەن،ئامېرىكا تېلىفۇن-تېلىگىرامما شىركىتى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان بازار ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شىركەتنىڭ خېرىدارلارغا تەمىنلىگەن مۇلازىمەتكە قارىتا رازىمەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى سىناق قىلىشقا باشلىغان.ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى قىلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە تويويا ماشىنا شىركىتى خېرىدارلار رازىلىقىنى بازاردىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشىنىشنىڭ بىر ۋاستىسى قىلىش ئارقىلىق تېجارەت ئىستىراتىگىيىسىنى ياخشىلىغان.


80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «مالكولم بولدىرىج دۆلەت دەرىجىلىك سۈپەت مۇكاپاتى»نى قۇرغان ھەمدە «خېرىدارلار رازىلىقى»نى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان.بۇ مۇكاپات تۈرىنىڭ قۇرۇلىشى «خېرىدارلار رازىلىقى»نىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۈرتكە بولغان.ئەلۋەتتە بۇ پەقەت شىركەت خېرىدارلار رازىلىق دەرىجىسىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەمەس ،بەلكى شىركەت «خېرىدارلار رازىلىقى» نى مەركەز قىلغان، بىر قاتار تولۇق بولغان سۈپەت باشقۇرۇشنى باھالاش سېستىمىسى. IBM、MOTOROLA、FEDEX لار مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەردۇر.ئەمما ھازىرغا كەلگىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر يىلدا مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان شىركەت بەشتىن ئاشمايدۇ.


90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە،خېرىدارلار رازىلىقىنى تەكشۈرۈش چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەردە تېزلىك بىلەن تەرەققىي قىلدى ۋە كېڭەيدى.بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىسى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر يەرشارىلاشقان بازارغا رىقابەت ئېلان قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خېرىدارلار ئۇچۇرىنى يىغدى ،ئىككىنچىسى رىقابەت بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئەلا مۇلازىمەت شىركەتنىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈك ئامىلى بولۇپ قالدى، ئۈچىنچىسى باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى باھالىشى ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ باھاسىغا ئېھتىياجلىق بولدى. (داۋامى بار)خېرىدارلار رازىلىقى ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى


ھەممىمىزگە ئايان بولغۇنىدەك مەلۇم خىل ئۇقۇم بىردەملىك ئىچىدە پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس ئۇقۇمنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ يۈزدىن سىلەرگە بۇ ماقالىنى سۇندۇم.
«خېرىدارلار رازىلىقى» 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بىخلانغان.ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى بازار رىقابەت شارائىتى ئىنتايىن يامانلىشىپ كەتكەن،ئامېرىكا تېلىفۇن-تېلىگىرامما شىركىتى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان بازار ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شىركەتنىڭ خېرىدارلارغا تەمىنلىگەن مۇلازىمەتكە قارىتا رازىمەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى سىناق قىلىشقا باشلىغان.ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى قىلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە تويويا ماشىنا شىركىتى خېرىدارلار رازىلىقىنى بازاردىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشىنىشنىڭ بىر ۋاستىسى قىلىش ئارقىلىق تېجارەت ئىستىراتىگىيىسىنى ياخشىلىغان.


80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «مالكولم بولدىرىج دۆلەت دەرىجىلىك سۈپەت مۇكاپاتى»نى قۇرغان ھەمدە «خېرىدارلار رازىلىقى»نى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان.بۇ مۇكاپات تۈرىنىڭ قۇرۇلىشى «خېرىدارلار رازىلىقى»نىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۈرتكە بولغان.ئەلۋەتتە بۇ پەقەت شىركەت خېرىدارلار رازىلىق دەرىجىسىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەمەس ،بەلكى شىركەت «خېرىدارلار رازىلىقى» نى مەركەز قىلغان، بىر قاتار تولۇق بولغان سۈپەت باشقۇرۇشنى باھالاش سېستىمىسى. IBM、MOTOROLA、FEDEX لار مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەردۇر.ئەمما ھازىرغا كەلگىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر يىلدا مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان شىركەت بەشتىن ئاشمايدۇ.


90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە،خېرىدارلار رازىلىقىنى تەكشۈرۈش چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەردە تېزلىك بىلەن تەرەققىي قىلدى ۋە كېڭەيدى.بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىسى، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر يەرشارىلاشقان بازارغا رىقابەت ئېلان قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خېرىدارلار ئۇچۇرىنى يىغدى ،ئىككىنچىسى رىقابەت بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئەلا مۇلازىمەت شىركەتنىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈك ئامىلى بولۇپ قالدى، ئۈچىنچىسى باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى باھالىشى ئۈچۈن خېرىدارلارنىڭ باھاسىغا ئېھتىياجلىق بولدى. (داۋامى بار)



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئىگىلىك تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek