بارغانسىرى كۆپلىگەن فونىستىرلىڭنىڭ ئىستىقبالىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلمىغان ئانالىزچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار فونىستىرلىڭنىڭ چارشەنبە كۈنى يەتتە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ كېتىشى پەقەت مۇز تاغنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىدى.
گېرمانىيە بانكىسى ئەڭ چۈشىدۇ دەپ قارىغان سەپكە تەۋە، كېلەر يىلى يىل ئاخىرىغا بارغاندا فونىستىرلىڭ يەنە نۆۋەتتىكى ئاساس ئاساسىدا قايتا %15 چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. بۇ يەرشارىدىكى ئىككىنچى چوڭ تاشقى پېرۋورت سودا ئورنى فونىستىرلىڭ 1985-يىلىدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قارىدى، ئاشۇ يىلى مەيدان كېلىشىمى ئىمزالىغان بىر يىل ئىدى، يەنى ئەنگىلىيە كان ئىشچىلىرى ئىش تاشلاشنى ئاخىرلاشتۇرغان، «كەلگۈسىگە قايتىش» فىلىمى كىنوخانىلاردا قىزىق قويۇلغان ئىدى.
ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بەلكىم ۋاقتىنچە ئۆسۈم ئۆستۈرمەسلىك پەرىزىدىن ئەنگىلىيەنىڭ بەلكىم ياۋروا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش يوشۇرۇن خەۋپىگىچە، فونىستىرلىڭ داۋاملىق چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قارايدىغان ھەرخىل كۆز قاراشلار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. قەرەللىك ھوقۇق سودا خادىملىرىمۇ ئويغاندى، بازارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ فونىستىرلىڭنى چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قاراش مۇساپىسى 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
«ئۆتكەن تۆت، بەش ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، مەندىن فونىستىرلىڭ توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سورىغان كىشلەر ئۆتكەن ئالتە ئايدىكىدىنمۇ كۆپ،» دېدى نىيويورك مېللون بانكىسىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش تاشقى پېرۋوت سىتراتىگىيەچىسى سىمون دېرىك.«كىشلەر ئاللىقاچان 2016-يىلىدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا، بۇ ئىشلارنىڭ فونىستىرلىڭغا قانداق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى.» بۇ سىتراتىگىيەچى كېلەر يىل يىل ئاخىرىدا فونىستىرلىڭ 1.30 دوللاردىن 1.40 دوللارلىق نۇقتىغىچە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
بىراق بىر قەدەر ئۈمىدۋار پەرەز يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. بىلومبېرگنىڭ تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ئانالىزچىلار مۆلچەرىنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتىگە ئاساسلانغاندا، فونىستىرلىڭ كېلەر يىلى يىل ئاخىرىدا 1.52 دوللارغا يېتىدىكەن، چارشەنبە كۈنى ياراتقان يەتتە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا بولسا 1.4895 دوللار. توكيو ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى 13:41 دە، فونىستىرلىڭ 1.4925 دوللار باھادا بازار يېپىلدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved