بالىلاردا مېھىرى–مۇھەببەت يېتىلدۈرەيلى

     باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مېھىر–مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.

   مېھىر–مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ نازۇك تۇيغۇ بولۇپ، بۇ تۇيغۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ھاياتلىقنى بىر–بىرىگە باغلاپ، كىشىلەرگە ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

   مېھىر–مۇھەببەت مەنا جەھەتتىن ئاتا–ئانىغا بولغان مېھىر–مۇھەببەت، پەرزەنتكە بولغان مېھىر–مۇھەببەت، قېرىنداشلىق مېھىر–مۇھەببىتى، ئۇستازلارغا بولغان مېھىر–مۇھەببەت، دوستلارغا بولغان مېھىر–مۇھەببەت، ئىلىم–ھۈنەر، كەسپكە بولغان مېھىر–مۇھەببەت، يۇرت–ۋەتەنگە بولغان مېھىر– مۇھەببەت ۋە تەبىئەتكە بولغان مېھىر–مۇھەببەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

   بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەتلىك قەلب يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى ئۆزىنى مەركەز قىلىشتەك شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلايدىغان، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھالىغا يېتىدىغان، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بەختسىزلىككە يولۇققاندا تەسەللى بېرىپ، دەردىگە دەرمان بولالايدىغان، ئاتا–ئانىلارغا ۋاپادار بولۇشتەك ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بالىلار چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاتا–ئانىلىرىنىڭ، چوڭلارنىڭ، تەڭتۇشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلار بىلەنمۇ ئىناق ئۆتەلەيدۇ.

   نۆۋەتتە ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ قىممەت قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئايرىم كىشىلەردە ‹‹پۇل ھەممىگە قادىر›› دەيدىغان ئىدىيە شەكىللىنىپ، كىشىلەر ئارا مېھىر–مۇھەببەت سۇسلاپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەرلەردە بىر ئائىلىدە بىر ياكى ئىككىلا پەرزەنت بولغاچقا ‹‹بالىلار ئائىلىدىكى مەركىزىي ئوبيېكت›› قا ئايلىنىپ، ئاتا–ئانىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەچكە، بەزى بالىلاردا شەخسىيەتچىلىك خاھىشى بەك ئېغىر بولۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ.

   بالىلاردىكى مېھىر–مۇھەببەت ھېسسىياتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەبىئي ئاساستا شەكىللەنسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن ئېلىپ بارغان تەلىم–تەربىيىنىڭ رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەت يېتىلدۈرۈشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

   1. مەكتەپلەردە مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەتلىك قەلب يېتىلدۈرۈشتە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. يەنى بالىلارنى قىزىقارلىق بالىلار چۆچەكلىرى ۋە ھېكايىلارنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ، تەسىرلىك ۋەقەلەردىن مېھىر–مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش. مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە رول ئېلىش ئويۇنى ئارقىلىق بالىلارغا قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە ئۆزىدە قانداق تۇيغۇنىڭ بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقانداق مەسىلىنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك.

   2. دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسىنى تەڭ سىڭدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەربىيە بېرىشكە ماھىر بولۇشى لازىم. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ 4–يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئاندېرسوننىڭ ‹‹سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق›› دېگەن تېكىستىنى ئۆتكەندە، تېخى 10ياشقا كىرمىگەن بىر قىزچاقنىڭ مىلاد بايرىمى ھارپىسى كېچىسى ئاچ–يالىڭاچ قاراڭغۇ كوچىدا سەرەڭگە سېتىش جەريانىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك ۋەقەلىكنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ‹‹ئەگەر مەن ئاشۇ قىزچاقنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلاتتىم›› ياكى‹‹بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ‹سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق›تەك بالىلار بولسا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟›› دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى ئۆزى بىلەن تەڭتۇش يېتىم–يېسىر ۋە قارىغۇچىسى يوق بالىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، باشقىلارغا مېھىر–مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىيېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنى مەركەز قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلايدىغان، ئاتا–ئانىلارغا ۋاپادار، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان بولۇشتەك ئىدىيىنى تىكلەشكە يېتەكلەش، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىق ھالدا باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان سۆز– ھەرىكەتلەردە بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىش كېرەك.

   3. ئائىلىدىن ئىبارەت دەسلەپكى تەربىيە مۇھىتى بالىلارنىڭ مېھىر–مۇھەببەت ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئاتا–ئانىلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشى بالىلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. ئاتا–ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلىرىغا مېھىر–مۇھەببەتنى قوبۇل قىلىشنى بىلىش تەربىيىسى بېرىش بىلەن بىللە باشقىلارغىمۇ مېھىر–مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ، بالىلىرى باشقىلارغا مېھرى–مۇھەببەت يەتكۈزگەندە ئۇلارغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

   ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدىكى بىۋاسىتە دوراش ئوبيېكتى، بالىلىق مەزگىلدە بالىلار كونكرتنى ئۈلگىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ ۋە دورايدۇ. بۇ بىر خىل ئاۋازسىز، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلى. بولۇپمۇ، ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۈلگىلىك ئىش–ھەرىكەتلىرى بالىلارغا ئۈن–تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئاتا–ئانىلار چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسەتسە، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، بالىلارمۇ چوڭ بولغاندا ئالدى بىلەن ئاتا–ئانىلىرىنى ئويلايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان بولىدۇ. ئاتا–ئانىلارمۇ بەزىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزئارا بىر–بىرىگە تەسەللى بەرسە، بالىلارمۇ باشقىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللى بېرىشنى ئۆگىنىدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش–ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

   مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسى ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئاساسىي. مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەملەر باشقىلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلالايدۇ ھەم خۇشاللىق بېغىشلىيالايدۇ. تەربىيىچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەر بىر بالىغا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك ۋە مېھرىبانلىقىنى تونۇتۇش، ئادىمىيلىكىنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈش، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر–شەپقەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

   بالىلاردىكى مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئۆزئارا ماسلىشىپ زىچ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەتلىك قەلب يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
03-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
04-02-2016
     ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 200 كىشىنى 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە: تەركىبىدە كاروتېن مول بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن...
Powered by Leglek