بوۋاقلار بىلەن كۈچۈكلەر ئادەتتە بىر بىرىگە بۇنداق ئامراق بولمايدىغاندەك قىلغان، لېكىن بۇ يەردىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن توققۇز كۈچۈك بىر سېۋەتتە ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپ كەتكەن. ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئايال (Kami Klingbeil) نىڭ ئۆيىدىكى ئىت توققۇزنى كۈچۈكلىگەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بۇ ئايال ئوغلى (Brydon) نى تۇغقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئوغلى بىلەن كۈچۈكلەرنى بىر سېۋەتكە سېلىپ رەسىمگە تارتقان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىتنىڭ تۇغۇش مۆلچەرلەنگەن ۋاقتى ئىككى كۈن بۇرۇن بولۇپ، لېكىن ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئىگىسى بىلەن بىر كۈندە كۈچۈكلىگەن. ئۆي ئىگىسى ئايال بۇنداق ئىشنىڭ بولۇشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئايالنىڭ دادىسى نەچچە سائەتتىن كېيىن بۇ خۇشاللىق ئىشنى بىلگەن ۋە قىزنىڭ فوتوگراف دوستى بىلەن مۇشۇنداق غەلىتە سۈرەتكە تارتىشنى ئويلىغان. ئۇ بولسىمۇ يېڭى تۇغۇلغان نەۋرىسى بىلەن كۈچۈكلەرنى بىللە رەسىمگە تارتىش. بۇ ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلى بۇ پائالىيەتنى ناھايىتى ياقتۇرغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved