جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 200 ئەسەبىي ئۇنسۇرنى ئۆلتۈرگەن.
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىندا يەرلىك خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ياردىمىدە « قوللاش سېپى» قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ سائالى ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا سىڭىپ كىرىش سۈيقەستىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەغلۇپ قىلدى ھەمدە بۇ رايوننى بېسىپ ياتقان ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى داۋاملىق تازىلايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە يەنە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بازىسى راكاغا كۆپ قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى ھەمدە نەچچە ئون ئەسەبىي ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved