1-ئاينىڭ 8-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى-پۇتىن رۇسىيە دۆلەتلىك ياپونچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ مەشق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، پۇتىن مەشىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن چېلىشچى ماھىرلار بىلەن تۇتۇشۇپ باقتى. يېشى 60 تىن ھالقىغان پۇتىن ئۈستىگە ياپونچە چېلىشىش كىيىمى كىيىپ، ئۈستىگە قارا بەلباغ باغلىۋالغان بولۇپ، چىرايىدا كۈلكە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. نەق مەيداندا تارتىلغان ۋېدىئودا كۆرسىتىلىشىچە، پۇتىن 28 ياشلىق ئايال چېلىشچى ماھىر- ژابلۇجىنا بىلەن ‹رەقىبداشلار ئويۇنى› كۆرسەتكەن. نۇرغۇن قېتىم ياپونچە چېلىشىش تۈرى بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئايال ماھىر پۇتىنغا نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئاخىرى پۇتىننى يەرگە سېلىنغان پالاس ئۈستىگە يىقىتىۋالغان.
پۇتىن كەينىدىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ژابلۇجىنانى ‹ناھايىتى جاھىل قىز› دەپ تەرىپلىگەن. پۇتىن مۇنداق دېگەن:‹بۇ قىز مېنى چوقۇم يىقىتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم مېنى چىڭ تۇتقان ھالدا يەرگە بېسىۋالدى›. خايىبۇللايوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى مەشىق تۈرى بولۇپ، پۇتىن ئۇلارغا ‹ئۆزىگە يول قويۇش› توغرىسىدا بۇيرۇق بەرمىگەن ئىكەن.
ئىگەللىنىلىشىچە، پۇتىن 13 يېشىدىن باشلاپ ياپونچە چېلىشىشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، پۇتىننىڭ قارىشىچە، ياپونچە چېلىشىش تەنھەركىتىنىڭ ماھارەتلىرى ئۇنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشىغا نۇرغۇن ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:‹ياپونچە چېلىشىش كىشىلەرنى چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مېڭىسىنى ئاچىدۇ. بۇ خىل چېلىشىش تۈرى ئادەمنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى، چىدامچانلىقى، ئۆزىنى كونتىرول قىلىشى قاتارلىقلارنى كۈچلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئادەمنىڭ سەزگۈرلۈكىنى چېنىقتۇرىدۇ›.
![]() |
يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved