ئۇكرائىنيەدە ئۇرۇش مەيدانىدا بىر مۇخبىر ئۆلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 1-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بولغان بولسىمۇ تۇقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، شۇ ئەسنادا بىر مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى دونېتسىكنىڭ پېسكى بازىرىدا قۇراللىق گۇرۇپىلار بىلەن ئارمىيە قىسىملىرى ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بولغان بولسىمۇ تۇقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تۇقۇنۇشىۋاتقان رايۇندىن خەۋەر بېرىۋاتقان مۇخبىر سېرجىي نىكولايېۋ ئوق تىگىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نىكولايېۋ ئىشلەۋاتقان سېگودنيا گېزىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئولگا گك، دۇنيانىڭ بىر قانچە دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا مۇخبىرلىق قىلغان
43 ياشتىكى نىكولايېۋنىڭ ئ‍ۆز دۆلىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تېرورغا قارشى كۈرەش قىلىش مەركىزى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى تۇقۇنۇشتا بىرەر ئەسكەرنىڭ ئۆلمىگەنلىكى، ئەمما 3 3 ئۇكرائىنىيە ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇكرائىنىيەنىڭ شەرقىدىكى 3 بازاردا قۇراللىق تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوپىتنو بازىرى ئەتراپىدا قاتتىق تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئۇكرائىنىيەدە 14-فېۋرال شەنبە كۈنى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماستىن تۇقۇنۇشلار توختىمىدى.
روسىيە تەرەپدارى بولغان قۇراللىقلار قورال تاشلاپ، تۇقۇنۇش رايۇنىدىن ئېغىر تىپتىكى قۇراللارنى چىقىرىشى كىرەك. ئەمما مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە ئۇكرائىنىيە ئارمىيسى مىنىسكىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە قارشى دېبالتسېۋدا تۇقۇنۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى كېلىشىمنى بۇزغان دەپ ئەيىبلىمەكتە. گېرمانىيە، فرانسىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە روسىيە رەھبەرلىرى مىنىسكى كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.
ئۇكرائىنىيەدە 2014-يىلى مارت ئېيىدا قىرىم ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ روسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن كېيىن تۇقۇنۇشلار ئاپرېل ئېيىدا پۈتۈن شەرقى قىسىمغا تارقالغان ئىدى، ھازىرغا قەدەر 5 مىڭ 600 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



02-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek