2- دېكابىر 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كۈنى، بۇ يىللىق باش تېما «ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەشنى چەكلەپ، بىخەتەر مەدەنىيەتلىك قاتناش» بولۇپ، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مەسئۇللار بۇ يىلدىكى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش ئەھۋالى، مەدەنىيەتلىك قاتناش جەمىئىيتىنى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قاتناش ھادىسىلىرى ئارىسىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگىنىگە ئالتە يىلدىن 10 يىلغىچە، 10 يىلدىن 15 يىلغىچە، شۇنداقلا بىر يىلغا توشمىغانلارنىڭ سالمىقى كۆپ ئىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئاپتوموبىل ھەيدىگىنىگە ئالتە يىلدىن ئاشقان 15 يىلدىن تۆۋەنلەرنىڭ تەجرىبىسى بىرقەدەر مول بولغاچقا ئۆزىگە ئىشىنىپ كېتىدىكەن، ئاپتوموبىل ھەيدىگىنىگە بىر يىل بولمىغانلارنىڭ قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلىپ بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ئېڭى ۋە قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدىكەن.
مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى جىنايى جازاغا كىرگۈزۈلگەن تۆت يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى 1 مىليون 500 مىڭغا يېتىپ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى ھەم مۇشۇ خىل ئەھۋالدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى بۇ قىلمىش جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلمىگەن چاغدىكىدىن ئايرىم ھالدا %25، %39.3 تۆۋەنلىگەن.
ئادەتتە تېرىككەك كەيپىياتتا ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ %97 ى ئەرلەر ئىكەن. بۇ خىل ناچار كەيپىياتتا ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەردە كۆپرەك ئاپتوموبىل يولىنى زورمۇزور ئۆزگەرتىش، يانداش، يول تالىشىش، ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋېلىش، يولسىزلىق قىلىش، باشقىلارغا يول بەرمەسلىك قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلىدىكەن. تېرىكىكەن ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش ھەمدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇرۇپ يان تېلېفوندا سۆزلىشىش، يان تېلېفون ئويناش، تاماكا چېكىش، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ نەرسە ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپلا قالماي ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
بۇ يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنىڭ دىققىتى چېچىلغانلىقتىن قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلىش ئەھۋالى 403 مىڭغا يېتىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يان تېلېفوندا سۆزلىشىش، يان تېلېفون ئويناش ئەھۋالى بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئىكەن. بۇلتۇر شوپۇرنىڭ دىققىتى چېچىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى 74 مىڭ 746 گە يەتكەن، ئومومىي قاتناش ھادىسىسىنىڭ %37.98 ىگە يەتكەن، مۇشۇ سەۋەبتىن 21 مىڭ 570 ئادەم ھادىسىدە قازا قىلغان، 76 مىڭ 984 ئادەم يارلانغان.
2015- يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەملىكىتىمىزدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سانى 276 مىليونغا يەتكەن. مەملىكىتىمىز مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ %80 ى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلاردىن سادىر بولغان.
بۇ خىل ناچار ئادەتلەر سىزدە بارمۇ؟
ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشى: بۇخىل قىلمىش ئادەتتە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى بەسلەشتۈرۈش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، يۇقىرى سۈرئەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدەش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش، قائىدىگە خىلاپ يول تالىشىش، يول ئىگىلىۋېلىش، جىددىي تورمۇز دەسسەش، سۈرئەتنى تېزلىتىش، باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن يېقىن مېڭىش، باشقىلارغا يول بەرمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دىققىتى چېچىلغان ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى: بۇ ئادەتتە شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش مەشغۇلاتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يان تېلېفون ئويناش، سۆزلىشىش، ئۇچۇر كۆرۈش، ئېڭىشىش، كەينىگە قاراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
تېرىككەن ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە باشقا شوپۇرلارغا ياكى پىيادىلەرگە ھاقارەت قىلىپ ۋارقىراش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، باشقىلارغا ئاپتوموبىل ھەيدەش ماھارىتىنى ھەيۋە قىلىش ئىستىكىدە قارشىلىشىش، ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىغان ھامان توختىماي سىگنال بېرىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
![]() |
«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى 12-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا بىر كىشى كونتېنتال (Continental)GTئاپتوموبىلىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved