SolarCity نىڭ پاي چېكى ئۆسۈپ، ئېلون ماسك بىر كۈندە 800 مىليون دوللار پۇل تاپتى

       ئىقتىساد تور بېكىتى MarketWatch نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېلون ماسك (Elon Musk) يىقىندا تۆۋەن باھادا قايتۇرۇپ سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ باھاسى زور نىسبەتتە ئۆسۈپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كەلگەن. ئامېرىكا پارلامېنتى يىقىندا بىر تۈرلۈك لايىھەنى ماقۇللاپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئائىت بىر تۈرلۈك ھالقىلىق باجنى كەچۈرۈم قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، ماسكنىڭ قول ئاستىدىكى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە تاختىسى قۇراشتۇرۇش كارخانىسى SolarCity نىڭ پاي چېكى باھاسى چارشەنبە كۈنى بىراقلا %34.06 ئاشقان، تېسلانىڭ پاي چېكى باھاسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ %6.07 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن، ماسكنىڭ بايلىقى بىر كۈن ئىچىدىلا 770 مىليون دوللارغا يىقىن ئاشقان.


       ئېلون ماسك ھازىر تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە SolarCity نىڭ باش دېرىكتورى بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپىنى تەڭلا ئۆز ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى ئىكەن. ئالدىنقى ئايدا، مەبلەغ سالغۇچىلار SolarCity نىڭ پاي چېكىنى قولدىن چىقارماقچى بولغاندا، ماسك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ قولىدىكى پاي ئۈلۈشىنى كۆپەيتكەن.

       سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماسنىڭ قولىدىكى SolarCity پاي چېكىنىڭ سانى 21.3 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، چارشەنبە كۈنىدىكى ئۆسۈشتىن كىيىن، بۇ بىر قىسىم پاي چېكىنىڭ قىممىتى ئىلگىرىكى 8.536 مىليون دوللاردىن 1.14 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ماسكنىڭ قولىدىكى تېسلانىڭ پاي چېكى بولسا 35.6 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ بىر قىسىم پاي چېكىنىڭ قىممىتى بۇرۇنقى 7.87 مىليارد دوللاردىن 8.35 مىليارد دوللارغا ئۆسكەن. قىسقىسى، ماسكنىڭ قولىدىكى تېسلا ۋە SolarCity نىڭ پاي چېكىنىڭ قىممىتى چارشەنبە كۈنى %8.8 كۆپەيگەن، ئومومىي قىممىتى 9.5 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

        ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تېسلانىڭ پاي چېكى باھاسى دائىم SolarCity نىڭ پاي چېكىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىكەن، يەنى چۈشسە تەڭ چۈشۈپ، ئۆسسە تەڭ ئۆسىدىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە، ئېلېكتر ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا بولغان ئېھتىياج يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئۈرۈمچى تاموژنىسى 26- ماي ئېلان قىلغان سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى 1- ئايدىن 4- ئايغىچە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئ...
27-05-2016
    FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز تۆلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بانكىسى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە زور مىقداردا ئالتۇن سېت...
27-05-2016
تېڭشۈن تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى چوڭ تور ئەسلىھەسى ياساش شىركىتى جوڭشىڭ ئالاقىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 23 بايراقدا...
26-05-2016
Business Insider تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: Business Insider ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە سانلىق مەلۇمات شىركىتى Equilar تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىج...
26-05-2016
خېشۈن تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1229.20 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن...
Powered by Leglek