جۇڭگو ئاخبارات تورى، 15-ئىيۇن تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(مېرس) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 150كە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16گە يەتكەن.
كورېيەدە 14-ئىيۇن بىر كۈن ئىچىدىلا يەتتە يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتى سامسۇڭ دوختۇرخانىسىدا يۇقۇملانغان. ھازىرغا قەدەر، سامسۇڭ دوختۇرخانىسىدا بۇ خىل بىمارلارنىڭ سانى 71گە يېتىپ، بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %49ىنى ئىگىلىگەن، بۇ مېرس ۋىرۇسىنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنى قاپلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ بەك تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سامسۇڭ دوختۇرخانىسى 14-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال بولۇپ قالمىسىلا كېسەل كۆرۈش ۋە كېسەللەرنى بالنېتسىغا ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەزگىلدە ياۋروپادىكى سلوۋاكىيەدە بىر كورېيە پۇقراسى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ گۇمان قىلىنغان ۋە 13-ئىيۇن دەرھال دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن، بۇ ياۋروپاغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved