شىنخۇا تورى، كاتماندو، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى: نېپال ئىچكى كابىنېتنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نېپالدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 4262 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا 7000 ئادەم يارىلانغان.
نېپال ئىچكى كابىنېت مىنىسىتىرلىقى دۆلەت جىددى ھەرىكەت مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە پايتەخت كاتماندودا 1427 ئادەم قازا قىلغان، شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردا 50 ئادەم قازا قىلغان، ئوتتۇرا قىسمىدا 554 ئادەم قازا قىلغان، غەربىي رايوندا 231 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، قازا قىلغانلار ئىچىدە 20 نەپەر تاققا چىققۇچى بار ئىكەن.
دۆلەت جىددى ھەرىكەت مەركىزى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نېپالدا مەملىكەت بويىچە 6 مىليون 600 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 400 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved