IOS بولسا ئالما شىركىتى ئاچقان مەخسۇس قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ئۈسكۈنىگە ماسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سىستېمىسى. ئالما شىركىتى 2007-يىلى 9-يانۋاردىكى Macworld چوڭ يىغىندا بۇ سىستېمىنى رەسمىي ئېلان قىلغان. دەسلەپتە لايىھەلىگەندە پەقەت iPhone غىلا ئىشلەتكەن، كېيىن توختاپ قالماي iPod touch،iPadشۇنداقلا Apple TV قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلارغىمۇ ئىشلىتىلگەن. IOSبىلەن Mac OS X ئوخشاش ئالمىنىڭ چىقارغان مەشغۇلات سىستېمىسى. ئۇ يەنە Darwin (بۇ مۇ بىر كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى)ئۈچۈنمۇ بىر مۇھىم ئاساس(Unix تۈرىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەۋە). بىرىنچى نەشرىدە بۇ سىستېمىنىڭ ئىسىمنى iPhone OS دەپ ئاتىغان 2010-يىلى 6-ئاينىڭ7-كۈنى WWDC چوڭ يىغىنىدا IOS دەپ ئۆزگەرتكەن. Canalys نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن كۆرسىتىلىشچە IOS پۈتۈن دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ 30تىنى ئامېرىكا بازىرىنىڭ%43تىنى ئىگىلىگەن.
------------------
ئىنگلىزچە ئىسمى :IOS
چىقارغان ئورۇن:ئالما شىركىتى
تارقاتقان ئورۇن:ئالما شىركىتى
تارقاتقان ۋاقتى:2007-يىلى6-ئاينىڭ29كۈنى(دەسلەپكى نەشرى)
تەھرىر تىلى: Cتىلى,C++, Objective-C
كود ھالىتــــــــــــى:يېپىق كود
سىستېمىسى ئائىلىسى:Mac OS X, Unix
يادرو تۈرىــــــــــــى: XNU,Darwinئارىلاش يادرو)
تونۇشتۇرۇش
------------------
iOS بولسا iPad、iPhone、iPod touch لارنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ، ھەمدە ھازىرقى بىردىن بىر يېپىق كودلوق مەشغۇلات سېستىمىسىدۇر.
iOS نىڭ ئاددىي ئىشلىتىشكە قولايلىق كۆرۈنمە يۈزى، كىشىنى ھەيران قالتۇردىغان ئىقتىدارى، شۇنداقلا دەرىجىدىن تاشقىرى سىتېمىدىكى مۇقۇمچانلىقى iPhone،iPad ، iPod touch كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ سىڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا رەقىبلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز رىقابەتلىشىپ كەلمەكتە. iOS نىڭ ئىچدىكى نۇرغۇن تېخنىكا ۋە ئىقتىدار ئالما شىركىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلاپ كىلىشدە تۈرۈتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكدە.
كۆرۈنمە يۈزى
------------------
دەسلەپدە قولىڭىزغا ئالغاندا ، سىز قولىڭىزدىكى iPhone،iPad ، iPod touc لەرنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىسىز. چۈنكى iOS كەشىپ قىلغان Multi-Touch كۆرۈنمە يۈزى مەخسۇس قول ئارقىلىق لايىھەلەنگەن. ئەڭ ئاۋۋال يەڭگىل چىرايلىق بولغان ئاساسىي ئىكراندىن باشلاپ سىناشقا كىرشىمىز. ئىچىدىكى ئەپ تىزىملىك ئىچىدىكى ئەپ بازىرى( App Store) بىز ئۈچۈن 900,000 ئارتۇق ئەپ ۋە ئويۇن بىلەن تەمىنلىگەن، سىز FaceTime ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشالايسىز، iMovie ئارقىلىق خالىغان كۆرۈنمىلەرنى كېسىپ تەھرىرلىيەلەيسىز، سىز قولىڭىزنى يېنىك چېكىش بىلەن ھۇزۇر سۈرەلەيسىز.
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىشچان ئەپلەر
------------------
Siri , FaceTime ,Safari Game Center, خەرىتە ، Passbook ،تېلېفون،ئېلخەت قاتارلىقلار.
تارىخ
------------------
2007-يىلى1-ئاينىڭ 9-كۈنى Macworld كۆرگەزنە يىغىنىدا iOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 6-ئايدا بىرىنچى نەشرىنى ھەم دەسلەپدە ئىسمىنى “iPhone Run OS X“ دەپ ئاتىغان.
2007-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالما شىركىتى تۇنجى پىروگرامما ئىچىش بولىقىنى (SDK)تارقاتتى ھەمدە ئىككى ئاي ئىچىدە ھەربىر ئەپ ئاچقۇچى ۋە ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىدى.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالما تەرەپ سىناق پىروگرامما ئىچىش بولىقىنى (SDK) تارقاتتى .iPhone Run OS X ئاتاشدىن ”iPhone OS“دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتتى.
2008-يىلى9-ئايدا ئالما شىركىتى iPod touchنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ”iPhone OS“ غا ئۆزگەرتتى.
2010-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالما شىركىتى iPad نى ئېلان قىلدى ،iPad گە ”iPhone OS”نى يۈكلىدى. شۇ يىلى ئالما شىركىتى باشقىدىن “iPhone OS” نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەپلەرنى قايتا لايىھەلىدى ، مۇنداق ئېيتقان چوڭ دائىرىدە يېڭلىدى.
2010-يىلى 6-ئايدا ئالما شىركىتى “iPhone OS” نىڭ ئىسمىنى “iOS” گە ئۆزگەرتتى. ھەمدە iOS نىڭ بارلىق نامىنى ئۆتكۈزۋالدى.
2010-يىلى تۆتىنچى پەسىلنىڭ بېشىدا iOS پۈتكۈل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ 26%تىنى ئىگەللىدى.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنىiOS سۇپىسىدىكى ئەپلەر500مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
2012-يىلى 6-ئايدا WWDC 2012يىغىنىدا iOS 6 ئېلان قىلغان.ھەم 200 ئارتۇق يېڭى ئىقتىدارلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.
2013-يىلى1-ئاينىڭ92-كۈنى ئالما iOS6.1 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى يېڭىلىدى، ھەم بۇقېتىملىق يېڭلاش Siri،Passbook گە تۈزەش ئىلىپ بېرىلغان . iOS 6 دا ساقلانغان بىرقىسىم BUG(يوچۇق)لارنى ئوڭشىغان.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالما iOS 6.1.3 قا يېڭلىدى ، بۇقېتىم نۇقتىلىق ھالدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشدىكى يوچوقلارنى ھەم ئېكران قۇلۇپىنى ئېچىشدىكى يوچوقلارنى تۈزۈتگەن.iOS 6.1.4 نىڭ iOS 6 ئەڭ ئاخىرقى يېڭلانمىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
2013-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالما شىركىتى WWDC 2013 يىغىنىدا iOS 7 نى ئېلان قىلغان.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10كۈنى ئالما كۆپ ۋاسىتە يىغىنىدا iOS 7 ھەقىقىي نەشرىنى تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2014 - يىلى 9 -ئاينىڭ 27-كۈنى iOS 8 ھەقىقىي نەشرىنى تارقاتتى.
2015 -يىلى 6-ئايدا iOS 9 نى ئېلان قىلىندىغانلىقى ئاشكارلانغان.
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved