ئامېرىكا تېخنىكا تور بېكىتى PhoneArena نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگېل شىركىتى 2016-يىلى يېڭىدىن Nexus 7 نۇسخىلىق تاختا كومپىيوتېرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى پىلانلىغان، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاختا كومپىيوتېرنى خۇاۋېي شىركىتى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىرىدىكەن.مۆلچەرلىنىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىيفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن. خۇاۋېي شىركىتى غەرب بازارلىرىنى كېڭەيتىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان يېڭى Nexus 6P نۇسخىلىق يانفون بەلكىم بۇ شىركەتنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىيفون بولۇشى مۇمكىن، بۇ مەھسۇلات بەلكىم خۇاۋېي ماركىسىنى ياۋروپا بازىرىغا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بازىرىغا ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن.
ئەسلىدىكى Nexus 7 مەھسۇلاتىنى بولسا گۇگېل ۋە خۇاشو شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن خۇاشو شىركىتى بىلەن گۇگېل يەنە بىر قېتىم يېڭى نۇسخىدىكى Nexus 7 تاختا كومپىيوتېرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى، بۇ تاختا كومپىيوتېر ئەسلىدىكى نۇسخا ئاساسىدا سەپلىمە ئۆلچەملىرىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۆزى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغان ئىدى. Nexus 7 مەھسۇلاتىدىن كېيىن گۇگېل شىركىتى تەننەرخنى تېجەش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ئەگەر بۇ خەۋەر راس بولۇپ گۇگېل شىركىتى ھەقىقەتەن يېڭىچە Nexus 7 نۇسخىلىق تاختا كومپىيوتېرنى ئوتتۇرىغا چىقارسا ئۇنداقتا گۇگېل شىركىتى بۇرۇنقى تەننەرخ تېجەش ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە قايتقان بولىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved