بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە ياپونىيە ياسوكونى بۇزرۇك ئاينىڭ ئەتىيازلىق تاۋاب قىلىش مەزگىلى .21-چېسلا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىندۇ ئابى ،ئىچكى كابىنېت باش ۋەزىر نامىدا ياسوكونى بۇزرۇك ئايىغا ‹ھەقىقىي ئىلاھ ›دەپ ئاتالغان خاتىرە بۇيۇمى ھەدىيە قىلدى . بۇ ئىشقا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چېن گەن ياسوكونى بۇزرۇك ئايى مەسىلىسى ياپونىيىنىڭ ناچار مۈلكى ،ئەگەر ياپونىيە رەھبەرلىرى بۇ ناچار مۈلۈكنى داۋاملىق يۈدۈپ يۈرۈشنى خالىسا ،بۇ ناچار مۈلۈك بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ دېدى .
چېن گەن مۇنداق دېدى :‹ياسوكونى بۇزرۇك ئايىدا 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى Aدەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قۇيۇلغان .ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ياپونىيە مىللىتارىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا توغرا قاراش ياكى قارىماسلىق ،بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىدىغان ياكى ئويلانمايدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .ياپونىيە ۋەزىرى ياسوكونى بۇزرۇك ئايىغا نەزىر -چىراق بۇيۇملىرى ھەدىيە قىلدى ،يەنە بەزى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى تاۋاپ قىلدى ،مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى ، ياپونىيە ئۆزىنىڭ مىللىتارىزىملىق تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا ھەقىقىي توغرا قارىشى ،ھەم بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشى كېرەك ، مىلىتارىزم بىلەن چەك - چىگرىنى ئېنىق ئايرىش ،جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى قايتا ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم سىياسىي ئاساس ›. چېن گاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى :جۇڭگو ياپونىيەنى تارىخ مەسىلىسىگە توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ ،ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ،ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاسىيادىكى قوشنىلىرى ۋە خەلقئارادىكى جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكەدەۋەت قىلىدۇ ، بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى ،ياسوكونى بۇزرۇك ئايى مەسىلىسى ياپونىيىنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزىدىغان ئامىل ،شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ ناچار مۈلكى ،ئەگەر ياپونىيە رەھبەرلىرى بۇ ناچار مۈلۈكنى يۈدۈپ مېڭىۋېرىشنى خالىسا يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلاپ بارىدۇ خالاس .
21-چېسلا ئەتىگەندە شىندۇ ئابى ئىچكى كابىنېت باش ۋەزىرى نامى بىلەن ،ياسوكونى بۇزرۇك ئايىغا نەزىر چىراق بۇيۇمى ھەدىيە قىلدى ،شىندۇ ئابىنىڭ ھوشىنى تاپماي تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشىنى ،ياپونىيە ھۆكۈمىتى گەپ يورغىلىتىپ ،بۇ شىنزۇ ئابىنىڭ شەخسى ئىشى دېدى . ئالاقىدار بىر ئەمەلدار مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا :‹شىنزۇ ئابىنىڭ نەزىر بۇيۇمى ئاپارغان ئىشىنى ئىگىلىدۇق ،بۇ شىنزۇ ئابىنىڭ شەخسى ئىشى، ھۆكۈمەت شەخىسنىڭ ئىشىغا قارىتا ئوبزور ئېلان قىلالمايدۇ ›. ئەمما تارتقۇلار شۇ كۈنى تارتقان كۆرۈشۈشتىن قارىغاندا ،شىنزۇ ئابى ياسوكونى بۇزرۇك ئايىغا ھەدىيە قىلغان نەزىرلىك بۇيۇملىرىغا ئېنىق قىلىپ ئىچكى كابىنېت زۇڭلى ۋەزىرى شىنزۇ ئابى دېگەن خەتلەر يېزىلغان ،
ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنى شىنزۇ ئابىنىڭ شەخسى ھەرىكىتى دەپلا تۈگەتتى .ئەمەلىيەتتە بۇ شىنزۇ ئابىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىشى ئەمەس ،2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ،باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن شىنزۇ ئابى ياسوكونى بۇزرۇك ئايدىكى ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك نەزىر چىراغ مەزگىلىدە نەزىرلىك بۇيۇمى ھەدىيە قىلغان .بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇ يەنە بىر قېتىم تاۋاپقا بارغان ،بۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ يىل ياسوكونى بۇزرۇك ئايىدىكى نەزىر چىراغ پائالىيىتى 21-چېسىلادىن 23-چېسىلاغىچە داۋاملىشىدۇ .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 23-چېسىلادىن باشلاپ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولماقچى ،ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇنى تەھلىل قىلىپ :ئوباما قەستەن 23-چېسىلاغا ئۈلگۈرتۈپ ياپونىيىگە بېرىپ شىنزۇ ئابىغا بېسىم ئىشلىتىپ ،ياپونىيە كورىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى جىدىي بولىۋاتقان ئەھۋالدا مۇناسىۋەتكە پايدىسىز ئىش قىلىپ قويماسلىقىنى ئۈمىت ق ىلماقچى دېدى .بىراق ئېنىقكى ياپونىيە ئېنىقلا ئىتىپاقدىشى ئامېرىكىنى نا ئۈممۈتتە قويدى .تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى :ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى شىنزۇ ئابى تاۋاب قىلىپ ، جۇڭگو كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھېسياتىنى ئويلاشمايلا قالماستىن ، ئامېرىكىنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى .گەر چە بۇ قېتىم ياپونىيىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئۆزى تاۋاب قىلغىلى بارمىغان بولسىمۇ ،بىراق نەزىر بۇيۇمى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلىمۇ ،ئۇنىڭ مۇھىم مەسىلىدە خالىغانچە ئىش قىلىش پوزىتسىيىسىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بەردى .شىنزۇ ئابى ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدى ۋە ئەندىشىسىگە پىسانىت قىلماي ،بۇلتۇر 12-ئايدا ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى تاۋاب قىلغان ،
بۇ ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىمۇ قارشىلىققا ئۇچرىغان ، 23-چېسىلا 273 ئادەم توكيو يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنۇپ ،سوت مەھكىمىسىنىڭ شىنزۇ ئابىنىڭ ياسوكونى بۇزرۇك ئاينى تاۋاب قىلغانلىقى ،ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ،شىنزۇ ئابىنىڭ ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى تاۋاب قىلىشىنى مەجبۇرىي توختىتىشنى ھەم تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلدى .بۇ 273 ئادەم ئاساسلىقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن .دەۋاگەرنىڭ ئادۋوكاتلار ئۆمىكى باشلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى :‹شىنزۇ ئابى بۇلتۇر 12-ئايدا ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى رەسمىي تاۋاپ قىلىپ ،ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلدى .شۇنداقلا خەلقنىڭ تىنىچ ياشاش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي قانۇندا كاپالەتلىك قىلىندىغان تۈرلۈك ھوقۇقىغا چېقىلدى ،شىزۇ ئابى ياسوكونى بۇزرۇك ئابى ياپونىيە ھۆكۈمىتى جاۋابكار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشى كېرەك .
سوت مەھكىمىسىنىڭ شىنزۇ ئابىنىڭ ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى تاۋاب قىلىشىنى مەجبۇر توختىتىشىنى ، ھەمدە ھەر بىر دەۋاگەرگە ئون مىڭ ياپونىيە يىنى ،يەنى ھەر بىرىگە 6010 يۈەندىن تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز ›. ئادۋوكاتلار ئۆمىكىنىڭ باياناتىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى :‹شىنزۇ ئابىنىڭ ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنى تاۋاب قىلىشى ياسوكونى تارىخى قارىشىنى قەستەن بۇراپ ، ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق ،شىنزۇ ئابى ياسوكونى بۇزرۇك ئاينىىڭ روھىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۇنى مىللىتارىزىمنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى قىلماقچى ،شىنزۇ ئابى تەخىتكە چىققاندىن كېيىنكى ئۇنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىنى كۈچەيتىشتىكى بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن قارىغاندا ،ياسوكونى بۇزرۇك ئاينى تاۋاب قىلىشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىق بىلەن باراۋەر .ياپونىيە خەلقىنىڭ تىنىچ ياشاش ھوقۇقىغا تەھدىت .
دەۋاگەرلەر ئۆمىكىنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ياپونىيە ياسوكونى بۇزرۇك ئايىنىڭ ئەتىيازلىق نەزىر چىراغ مەزگىلىدە ئەرز قىلشنى تاللاشتىكى سەۋەپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنزۇ ئابى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭچىل يولدا داۋاملىق زومىگەرلىك يولىدا مېڭىشىنى توسۇشى ئۈچۈن ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved