ئۈرۈمچىدە 27 يىلدىن بۇيان 4- ئايدا تۇنجى قېتىم چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى

شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى : ئۈرۈمچى شەھىرىدە 27-ئاپرېل سائەت 10:00 دىن 11:00 گىچە كۆرۈش ئارىلىقى 900 مېتىردىن تۆۋەن بولغان چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، بۇ 1988-يىلدىن بۇيان 4-ئايدا كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى. سائەت 11:00 دىن كېيىن چاڭ-توزان پەسەيدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 27-ئاپرېل سائەت 7:00 دىن 8:00 گىچە 7 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، يەر جاھاننى چاڭ-توزان قاپلاپ كېتىپ، كىشىلەر ئەتىگەندە ئىشىكتىن چىققاندا ماسكا، شارپىلارنى تاقاپ چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلەندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىياۋ پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالى داڭلىق قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى بولۇپ، بوران قۇملارنى بىۋاستە ئۇچۇرۇپ كېلىپ چاڭ-توزان پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە 16-ئاپرېلدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھۆل-يىغىن بولماي، يەر يۈزى قۇرغاق بولغاچقا، كۈچلۈك شامالدا چاڭ-توزانلار جاھاننى قاپلاپ كەتكەن. بۇ 1988-يىلدىن بۇيان مەركىزىي شەھەردە 4-ئايدا كۆرۈلگەن تۇنجى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ئىكەن.
28-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە چاڭ-توزان پەسىيىپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 بولۇپ، ھاۋا سەل سالقىن بولىدىكەن. ئەتە ( 29-ئاپرېل ) تېمپېراتۇرا℃20 قا چىقىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
28-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    6-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېيجىڭ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بىر مەيدان گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇرنى كۈتۈۋالدى، يامغۇرغا قوشۇلۇپ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق چاقتى، قىسمەن جايلاردا مۆلدۈر چۈشتى. سۈرەتتە بېيجىڭ يۈەنمىڭيۈەن ئەتراپ...
28-05-2016
    شىنجاڭ تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 5 بال شەرقىي شىمال شامىلى چىقىپ، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۈرۈمچى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ...
28-05-2016
         يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم  ھەيران ...
27-05-2016
       5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى قارا قۇيۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قارا قۇيۇن قەدەم باسقان جايلار ئېغىر ۋەيرانچىلققا ئۇچراپ، ئۆيلەرنىڭ بىرسىمۇ ساق قالمىغان. قارا قۇيۇن يېت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ ئامامى ئوشىما ئارى...
27-05-2016
        5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
26-05-2016
   مۇخبىرنىڭ 24-ماي سىچۈەن ئورمانچىلىق بايلىقى ۋە ئۈنۈمنى كۆزىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سىچۈەندە سۈنئىي كۆپەيتىلگەن مۈشۈكئېيىق سانى 364كە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۈشۈكئېيىق ...
26-05-2016
  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۇز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدىكەن. 25-ماي يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃27 بولغان. بۈگۈن (26-ماي) يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ℃30 بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. ...
26-05-2016
 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈچ يىللىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، كۆلىمى 304 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ باغچىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 8-شەھەر دەرىجىلىك باغچا...
26-05-2016
سۈرەتتە: ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ياماگۇچى ئۆلكىسى شىمونوسېكى شەھىرى (Yamaguchi Prefecture Shimonoseki City) سۇ جانلىقلىرى سارىيى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىككى قەلئە پىنگىۋىنىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچ...
Powered by Leglek