خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ‹‹ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم يوڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، 2015-يىلى ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى % 6.4 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىشىدا ئۈمىد بار.
كىم يوڭ مۇنداق دېگەن: دۇنيا بانكىسى ھىندىستان ئىقتىسادىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، 2016-يىلى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى يەنە % 6.4 تىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ رېئالىققا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد زور. بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى مالىيە يىلىدىكى تۆۋەنلەشتىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىر قانچە مەسىلىگە قارىتىلغان ‹‹رېتسىپ››نى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمىنى كۆرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved