19-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو قورغاس ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 13-ئىيۇن قورغاس ناھىيەسىدە باشلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇستىقۇددۇس مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى «خۇشپۇراق قورغاستىكى رومانتىك ساياھەت»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ بايرامدا جەمئىي 16 تۈرلۈك يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
قورغاس ناھىيەسى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولۇپ، «جۇڭگودىكى ئۇستىقۇددۇس يۇرتى»دۇر. نۆۋەتتە ئۈستىقۇددۇسنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى ۋە مەھسۇلات پىششقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە %95 ىنى ئىگەللەيدۇ. قورغاس ناھىيەسى فىرانسىيەنىڭ پروۋېنس ۋە ياپونىيەنىڭ خوككايدۇ بىلەن ئوخشاش بىر كەڭلىك گىرادۇسىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش بازىسىدۇر. نۆۋەتتە، قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئۈستىقۇددۇس گۈلى، جىڭيۇ، پۇراقلىق بوغچا، پېتەك قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرى بار بولۇپ، جىڭيۇ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %96 ىنى ئىگەللەيدۇ.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved