جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ياۋرو رايونىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى 16-ئىيۇل تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گىرېتسىيە پارلامېنتىنىڭ 16-ئىيۇل سەھەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالىمىز، ياۋرو رايونى گۇرۇھى گىرېتسىيەنى مۇددىتى ئۈچ يىللىق مۇقىم مېخانىزم تۈرى بىلەن قوللاشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىدۇ ھەمدە گىرېتسىيەگە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ياردەم بېرىدۇ.
يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، گىرېتسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ماداس 16-ئىيۇل: گىرېتسىيەدىكى ھەر قايسى بانكىلار ئۈچ ھەپتە ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن، 20-ئىيۇل تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، لېكىن ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر كۈنى بانكىدىن ئالىدىغان نەق پۇلىنىڭ مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved