روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: روسىيە ساقچى تەرەپ موسكۋا ئوبلاستىدىكى بىر كەنتتىكى كۇلۇبتا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت گۇروھلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى يىغىلىشىدا 53 كىشى قولغا ئېلىندى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ كىنىشكىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سالاھىيىتىنى دەلىللەش جەريانىدا، ساقچى تەرەپ يېرىمدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىلگىرى جازا ئۆتىگەنلىك خاتىرىسى بارلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساقچى تەرەپ ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان تاپانچا، تۆت «راشنىكوۋ» ماركىلىق ئاپتومات ۋە تۆت كىشىنى يارىلاندۇرىدىغان تاپانچا قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار بۇنىڭغا قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved